تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى مەزگىلىدە، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تەكلىپ بېرىش، يىغىندا پىكىر بايان قىلىش، گۇرۇپپا ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پائال پىكىر-تەكلىپ ۋە سىياسىي مەسلىھەت بەرگەن. خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، يىغىنغا جەمئىي 100 تەكلىپ تاپشۇرغان.

  ئەزالار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خىزمەت ئورنىمىزغا قايتقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلار ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

  «بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، يېڭى باسقۇچتىكى خىزمەتلەر ئۈچۈن ياخشى پىلان تۈزۈپ بەردى.» ئەزا باۋ ئەنمىڭ مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يىغىننىڭ روھىنى ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پىكىر-تەكلىپ ۋە سىياسىي مەسلىھەت بېرىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىمىز».

  ئەزا دىلشات ياقۇپ مۇنداق دېدى: «يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كەمتەرلىك بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى