تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا مەۋجۇت

−ئالدىنقى ئىككى ئايلىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى چۈشەندۈرۈش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن ۋېيۋېي، خۇ لۇ

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى بۇ يىل 1- ئايدىن 2- ئايغىچە بولغان ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا ئائىت ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ ساندىكى كۆرسەتكۈچلەر تەكشى، مۇقىم بولغان. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيۇڭ شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 1- ئايدىن 2- ئايغىچە بولغان ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئىزچىل مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولدى، ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى تەدرىجىي گەۋدىلەندى.

  ماۋ شېڭيۇڭنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا مۇنداق بىر قانچە ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەن:

  − دۆلەت ئىچى ئېھتىياجى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆرلىگەن. سېلىنما جەھەتتىن قارىغاندا، 1- ئايدىن 2- ئايغىچە، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى پۈتۈن بىر يىلدىكىدىن 0.2پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. ئىستېمال جەھەتتىن قارىغاندا، 1- ئايدىن 2- ئايغىچە، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى 12- ئايدىكى بىلەن تەڭلەشكەن؛ ئەگەر باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %7.1 ئېشىپ، بۇلتۇرقى 12- ئايدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.

  − ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. مال باھاسى جەھەتتىن قارىغاندا، 1- ئايدىن 2- ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھاسى ئوتتۇرىچە %1.6 ئۆرلىگەن بولۇپ، مۆتىدىل ۋەزىيەت داۋاملاشقان. ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىن قارىغاندا، 2- ئايدا پۈتۈن مەملىكەت شەھەر - بازارلىرىدا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.3 بولۇپ، 1- ئايدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن.

  ماۋ شېڭيۇڭ مۇنداق دېدى: 2- ئايدىكى تەكشۈرۈشتە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىگە چاغانلىق ئامىلنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ئاساسلىق سەۋەب بولغان. چاغاندىن كېيىن، نۇرغۇن سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى مەركەزلىك ھالدا شەھەرگە قايتىپ خىزمەت ئىزدەپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 22 ئۆلكىنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئەھۋالىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان مەخسۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، %80 ئەتراپىدىكى كارخانا خىزمەتچىسىنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

  − قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش يۈزلىنىشى سىجىل بولغان. ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەگەر چاغان ئامىلىنىڭ تەسىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، 1- ئايدىن 2- ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى 12- ئايدىكىدىن سەل تېز بولغان: ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %10.1كە يەتكەن؛ زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئېشىش يۈزلىنىشىمۇ بىر قەدەر ياخشى بولغان. ئېھتىياج نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشقان؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسى، سانائەتتىكى تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بارلىق سېلىنمىدىن 2.5 ۋە 13.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.

  − بازار كۆزلىمىسى ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن. 2- ئايدا، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى 1- ئايدىكىدىن 2.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن، ياسىمىچىلىقتىكى سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى ئىچىدە يېڭى زاكاز كۆرسەتكۈچىمۇ 1- ئايدىكىدىن 1 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، ئېھتىياجنىڭ سەل - پەل ياخشىلانغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

  ماۋ شېڭيۇڭ مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 1- ئايدىن 2- ئايغىچە، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ھالىتىنى ئىزچىل ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، تاشقى مۇھىتتىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى بىرقەدەر كۆپ، دۆلەت ئىچىدىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەت گەۋدىلىك، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا مەۋجۇت».

  ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 تۆۋەنلىگەن، مەھسۇلات مىقدارىمۇ %15.1 تۆۋەنلىگەن. ماۋ شېڭيۇڭنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىكى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشىدىمۇ تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە ئېشىش تېز بولغان. كېيىنكى باسقۇچتا، ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا، بازار كۆزلىمىسى تەدرىجىي ياخشىلىنىدىكەن، ئەمەلىي ئىقتىساد، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش جەھەتتىكى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرىمۇ تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئېشىشىدا سىياسەت يەنىلا تىرەك بولىدىكەن.

  ئۆتكەن بىرقانچە پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئازراق ئاستىلىشىغا قارىتا، ماۋ شېڭيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ يۇقىرىراق، تۆۋەنرەك بولۇشىغا ئارتۇقچە دىققەت قىلىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى بىر يەرگە قويۇپ ئويلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ماۋ شېڭيۇڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ تەكشى، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشىلىنىش يۈزلىنىشىنى پائال كېڭەيتىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى