تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باغلاقنى بوشىتىپ يۈكنى يېنىكلىتىش تەدبىرى ئەمەلىي بولدى، يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىش غەيرىتىمىز تولۇپ تاشتى

−ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى چىقارغان «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: «ئۇقتۇرۇش» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ چىڭ تۇتۇش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلىدى، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن باغلاقنى بوشىتىپ يۈكنى يېنىكلىتىش، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشى تىكلەپ بەردى. «ئۇقتۇرۇش» 2019- يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دىققەتنى «تۆتتە كۈچەش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قاتار ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، كىشىگە ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدۇ. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىمىزنى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا سەرپ قىلىپ، تولۇق غەيرەت بىلەن يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىمىز.

  شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش

  «2019- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. مەركەز كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، 2019- يىلىنى <ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى> قىلىشنى قارار قىلدى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامغا رىشتە باغلايدىغان، كادىرلارغا كۆيۈنىدىغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى» دېدى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رېن گۇاڭپېڭ.

  رېن گۇاڭپېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى مەركەزلىك تۈزەشتىكى مەخسۇس مەسئۇل تارمىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن بازغانلاپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى»دىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا سەرپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى تاڭ شاۋچىڭ مۇنداق دېدى: «ئۇقتۇرۇش» نەق جايغا تەگكەن، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، بىز چوقۇم باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ باغلاقنى بوشىتىپ يۈكىنى يېنىكلىتىشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسى دەسلەپكى قەدەمدە بىرنەچچە تۈرلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئىدىيەۋى قاراش، خىزمەت ئىستىلى ۋە رەھبەرلىك ئۇسۇلى جەھەتتىن مەنبەنى تېپىش، تۈزەشنى تۇتۇشقا كۈچەپ، ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، «<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارغا غەمخورلۇق قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ بېسىمىنى تۈگىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش

  «<ئۇقتۇرۇش>تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەر ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى». ئونسۇ ناھىيەسى بوز دۆڭ قىرغىز يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ۋېي جىشياڭ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلامدىكى كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك. <ئۇقتۇرۇش>نىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، بىز تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچىمىزنى ئاجرىتىپ، ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، جاپالىق ئىشلەشتەك خىزمەت ئىستىلى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز».

  «ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمىتى مۇرەككەپ ھەم ۋەزىپە ئېغىر، <ئۇقتۇرۇش> ناھايىتى ۋاقتىدا چىقىرىلغان بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ جاسارىتى ۋە غەيرىتىنى ئاشۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن دېڭىزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كونكرېت خىزمەتكە ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى». يەكەن ناھىيەسى چېڭبېي كوچىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پاڭ زىجيەن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن بىز كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاممىنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىمىز».

  «بىز تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىمىزنى ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىشقا سەرپ قىلالايمىز!» «ئۇقتۇرۇش»نى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى ھاسار كەنتىنىڭ ئاياللار مۇدىرى گۈلسۈم ئابباس چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «<ئۇقتۇرۇش>تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى دەل جايىدا بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنى ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن خالاس قىلىپ، بەجانىدىللىق بىلەن كەنت ئاھالىلىرىگە ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».

  مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق بولۇپ، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش

  «ئۇقتۇرۇش»تا ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن باغلاقنى بوشىتىپ يۈكنى يېنىكلىتىپ، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشى تىكلەپ بېرىلدى. تۇرپان شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى تېتىر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ليۇ تاۋ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىي ئىشلەشنى تەكىتلەپ، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلاپلا قالماستىن، يەنە كۆپچىلىكنىڭ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغايدۇ».

  ليۇ تاۋ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز <ئۇقتۇرۇش>نىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ئاتلىنىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز».

  ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ئامانگۈل ئادىل مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى «ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىدۇ. ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تۈرلۈك نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشلەرنى ئۆز ئالدىغا تەشكىللەپ قانات يايدۇرماي ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا قانات يايدۇرماي، ئاساسىي قاتلامنىڭ تۈزىتىشنى تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشىغا يېتەرلىك ۋاقىت قالدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ خاتالىقىنى سىغدۇرۇش، خاتالىقىنى تۈزىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئاددىي ھالدا مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى مەسىلىنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى قوشتولغاي بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى ۋۇرېن تۇيا مۇنداق دېدى: «<ئۇقتۇرۇش> ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن يۈكنى يېنىكلىتىپ باغلاقنى بوشىتىپ، بىزگە تېخىمۇ ياخشى ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى، بىز ئۈمىدنى يەردە قويماي، تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا قارىتىپ، ئىشلارنى بىر - بىرلەپ قىلىپ، مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز».

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، لياڭ لىخۇا، جاڭ جىلى، پەرىزات، ليۇ يى، جاڭ رۈيلىن، مېھرىگۈل ناسىر، ئىختىيارىي مۇخبىرى ياڭ جۈنيىڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى