تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

(2019- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى)

ۋاڭ ياڭ

  ئەزالار، يولداشلار:

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنى بارلىق ئەزالارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، غەلىبىلىك يېپىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يىغىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھالقىلىق يىلغا قەدەم قويغاندا چاقىرىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر زور كۈچ بىلەن مەدەت بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، ساھە گۇرۇپپىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدى. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلارنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ۋە پائال ئەقىل كۆرسىتىپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىن دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان، ئورتاق تونۇش كەڭ مۇجەسسەملەنگەن، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن ئىبارەت مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىمۇ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ، بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن 70 يىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن 70 يىل. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىدا مەردانە قەدەملەر بىلەن ئالغا باستى، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىغا تارىختىكى ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتى، بۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ئىگە. 70 يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئىسلاھات يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، شانلىق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، تارىخىي تۆھپىلەرنى ياراتتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سەھنىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىنى ئىگىلەپ، ئېتىقاد ۋە ئىرادىمىزنى مۇستەھكەملەپ، تەجرىبە ۋە ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

  ئۆگىنىشنى قەدىرلەپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش نەتىجىلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئۇلىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم. ئۆگىنىش− ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ مۇھىم يولى. ماھىرلىق بىلەن ئۆگەنگەندە ماھىرلىق بىلەن ئالغا باسقىلى بولىدۇ. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئۆگىنىش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، ھەم ئۆگىنىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە قاراپ يول ئالىدۇ. يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئورۇن ۋە يېڭى بۇرچ ئالدىدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جەزمەن ئۆگىنىشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆگىنىشنى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى قىلىپ، ئۆگىنىشنى تېخىمۇ قەدىرلىشى، ئۆگىنىشنى ئاكتىپ ياخشىلىشى، ئۆگىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى لازىم. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە دەپ بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ۋاقتىدا ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى پۇختىلاپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگەنگەننى چۈشىنىش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا ئىزچىل كۈچەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، بىلىش، ئىشىنىش ۋە ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەش ۋە «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئۇلىنى پۇختىلىشىمىز لازىم. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىدە ئىدىيەۋى - سىياسىي سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، قائىدىنى چۈشىنىپ، ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ئىشنىڭ يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىدىيە، ئىقتىدار ۋە ھەرىكىتىمىزنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تىرىشىپ ماسلاشتۇرۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئاساسلىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك چارە - ئەقىل كۆرسىتىشىمىز لازىم. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى، بىرلىك سەپ تارىخى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، توغرا تارىخ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، 70 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە سىڭگەن ئىچكى مەنتىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بايرىقى ئاستىدا قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىشىمىز لازىم.

  يېڭىلىق يارىتىشنى قەدىرلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش دېموكراتىيەسى تۈزۈمىنىڭ تەرتىپى ۋە يۈرۈشۈش شەكلىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم رېئال شەكلى، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنىڭ سىياسىي تۈزۈمدە ياراتقان ئۇلۇغ ئىجادىيىتى بولۇپ، ئۆزگىچە، خاس، ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە. ئەمەلىيەتنىڭ چېكى يوق، ئىزدىنىشنىڭ چېكى يوق، يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ چېكى يوق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك كېڭىشىشتە سىياسىي پىرىنسىپنى ئىگىلەپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، پائال ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى يېڭى دەۋرنىڭ قەدىمىگە ماسلاشتۇرۇشىمىز لازىم. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈم سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى ۋە تېخىمۇ مۇقىملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى ۋە دېموكراتىك تەرتىپى ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم. سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش شەكلى بىلەن كېڭىشىش مەزمۇنىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، كېڭىشىش تەرتىپى بىلەن كېڭىشىش ئۈنۈمىنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كېڭىشىش شەكىللىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى بېيىتىپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، پەرقلىق پىكىرلەرنى ھەمتۈرتكىلىك ئالماشتۇرۇش ۋە تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ سۇپىسى ۋە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بار مەسلىھەت ئىش قىلىدىغان، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىدىغان تەرتىپ ۋە كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ خاسلىقى، سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ نامايان قىلىشىمىز لازىم.

  ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز لازىم. ئىتتىپاقلىق− قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلىشنىڭ ئەڭگۈشتەرى. جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات تارىخى− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش تارىخى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى− بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش تۈزۈمىنىڭ جەۋھىرى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىنتىلىدىغان ئىتتىپاقلىق− ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئورتاقلىقنى مۇجەسسەملەپ ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش ئاساسىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئىتتىپاقلىق، ئورتاق ئىشلار ۋە ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىق. سىياسىي كېڭەشتە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توغرا فاڭجېن ۋە توغرا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، سەۋرچانلىق بىلەن باراۋەر كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشقا، تەربىيە بېرىش ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلەشكە تايىنىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش خىزمىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە ئىشلەپ، ئىدىيە جەھەتتە ھەقىقىي ئىتتىپاقلىقنى شەكىللەندۈرۈشىمىز لازىم. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق رايىنىڭ قايتىشى ۋە كۈچ سېلىشتۇرمىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە چارە - ئەقىل كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەت تەشۋىق قىلىش، تۈگۈننى يېشىش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىرىسلارنى تۈگىتىش ھەققىدىكى ياخشى تەدبىرلەر ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش غەيرىتىنى ئاشۇرۇشقا كۆپرەك ئىلھام بېرىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور ۋەزىيەت ھەققىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە مۇھىم، زور خىزمەتلەر ھەققىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچ - قۇدرىتىمىزنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى تىرىشىپ سىزىپ چىقىشىمىز لازىم.

  يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭى دەۋرگە خاس ھالەتكە ئىگە بولۇشى، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىمۇ يېڭى دەۋرگە خاس ئوبرازغا ئىگە بولۇشى لازىم. سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاق - پەزىلەتنى ئەلا بىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئەزالار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ساپايىمىز ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىمىزنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، يېڭى شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم. سىياسىي كېڭەشتە پەخرىي ئەزا بولمايدۇ، پەقەت مەسئۇلىيەتلىك ئەزالا بولىدۇ، بارلىق ئەزالار ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، زېھنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىشى لازىم. كۈرەشچىگە خاس سالاپىتىمىز ۋە غەيرىتىمىزنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالماي، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلماي، باشتىن - ئاخىر دۆلەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا رىشتە باغلاپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ياخشى قاتناشقۇچىلىرى، ئەمەلىيەتچىلىرى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ھەر يىللىق «ئەزالار تاپشۇرۇقى»نى ياخشى ئىشلەپ، دەۋر چىقارغان ئىمتىھان سوئالىغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يارقىن سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشىمىز لازىم.

  ئەزالار، يولداشلار! جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق نەتىجىلەرنى جۇڭگو خەلقى ئەۋلادمۇئەۋلاد ياراتقان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ ھەر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بوشاشماي ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى مۇجەسسەملەنگەن. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، دۆلىتىمىزنى باي، كۈچلۈك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشايلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى