تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئېسىل سەھىپىسىنى پۈتەيلى

− شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىدىن خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن

  3- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تيەنئەنمېن مەيدانىدا قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى، خەلق سارىيى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى پەلەمپەيدىن چىقىپ، خەلق سارىيىغا كىرىپ كەتتى.

  ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئەزالار ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، دىققىتىنى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، توغرا ھەم ئېنىق كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى.

  تۈرلۈك قارالمىلار، دوكلاتلار بىر - بىرلەپ ماقۇللاندى، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى.

  تۈرلۈك قارالمىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغاندىن كېيىن، ھەيۋەتلىك، كۆتۈرەڭگۈ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى.

  تارىخنىڭ يۆگىمە رەسىمى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جەريانىدا يېيىلدى؛ يېڭى دەۋرنىڭ ئېسىل سەھىپىسى داۋاملىق كۈرەش قىلىش جەريانىدا پۈتۈلدى.

  يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەش، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىشنى تەكىتلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى ۋە ئۇلارغا ئېنىق تەلەپ قويدى.

  ئەزا دىلنار ئابلا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق ئارىسىغا بېرىپ ئىلھام ئېلىپ، ئوزۇق قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، چىن مۇھەببەت، ھەقىقىي ھېسسىياتىمىز بىلەن خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىمىز كېرەك.

  سالماق قەدەم تاشلاپ خەلق سارىيىدىن چىقىپ كەلگەن ئەزا پەن شياۋيەن باش باھارنىڭ قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالدى، ئۇ تولۇق ئىشەنچكە تولغانىدى. ئون نەچچە كۈنلۈك يىغىن مەزگىلىدە، ئۇ يېڭى دەۋر ھىدىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خىل يېڭى دەۋر ھىدى ئەزالار ئېلىپ كەلگەن توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلاردا ئىپادىلەندى، ئەزالار پىكىر ئالماشتۇرغان ۋاقىتتىكى قىزغىن كەيپىياتتا تېخىمۇ نامايان بولدى.

  «مەيلى يىغىندا سۆز قىلغاندا بولسۇن، ياكى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە بولسۇن، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن مۇھاكىمە قىلغىنى سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولدى، مۇزاكىرە قىلغىنى يېڭى دەۋردىكى يېڭى تېمىلار بولدى.» ئەزا گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم كۆپچىلىك بەس - بەستە سۆز قىلىشتى. مەسىلىنى سۆزلىگەندە، تەدبىرنى تىلغا ئالغاندا، ھەممەيلەن بىۋاسىتە باش تېمىغا ئۆتۈپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، كىشىلەرگە ئەزالارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى غايەت زور قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدۇردى. «بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كاتتا يىغىن بولدى، ئىشەنچ كۈچەيتىلدى، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەندى، غەيرەت - جاسارەتكە ئىلھام بېرىلدى.» ئەزا ياڭ جيې مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسلىھەت بېرىشنىڭ «ئۈنۈمدارلىقى»نى ئاشۇرۇپ، ئەقىل كۆرسىتىشنىڭ «نىشانلىق» بولۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئويى، خەلقنىڭ تەقەززاسىغا ئۇدۇللاشتۇرۇشقا، قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى نىشانلاشقا كۈچەپ، مەسئۇلىيەتچان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان ئەزا بولىمەن.

  «مەن داۋاملىق ئۆز خىزمىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشكە كۆپرەك ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا دائىم جاپالىق كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان پىشقان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، يوللۇق، ئاساسىي بار چارە - ئەقىل كۆرسىتىپ، ئەسقاتىدىغان، قوللىنىشچان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمايدىغان يېڭى جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرىمەن.» ئەزا يۈ مېي يۈرەك ساداسىنى شۇنداق بايان قىلدى.

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرغان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، يولى يىراق؛ يېڭى كۈرەش مۇساپىسىگە ئاتلانغان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نى - نى ئىشلارنى قىلالايدۇ. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمىتىگە قويۇلغان تەلەپلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىكى ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى تىرىشىپ سىزىپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، دۆلىتىمىزنى باي، كۈچلۈك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى