تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇەن - مەيدان ئىسلاھاتىدا ھاياتىي كۈچ قويۇپ بېرىلدى ئۈمىدلىك دالا جۇشقۇنلۇققا تولدى

بىڭتۇەن 6- شىسى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى−

تۇەن - مەيدان ئىسلاھاتىدا ھاياتىي كۈچ قويۇپ بېرىلدى     ئۈمىدلىك دالا جۇشقۇنلۇققا تولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن

  بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ. تۈرلۈك ئىسلاھات - تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى پائال مۇۋاپىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىش كېرەك.

  − شى جىنپىڭ

  3- ئايدا، كەڭ زېمىن باھار تۈسىگە كىردى. پايتەخت بېيجىڭدا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن ئۈزلۈكسىز باھار خەۋەرلىرى تارقالدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە كۆزدىن كەچۈرگەن بىڭتۇەن 6- شىسى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىدا، تۇەن - مەيدان ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئۈمىدلىك دالىدا يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەۋاتاتتى. خۇ ۋېنشيەن 2014- يىلى باش شۇجى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىدا قوبۇل قىلغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىلى ئىدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ سىياسىتى نېمىدېگەن ياخشى - ھە! تۇەن - مەيدان ئىسلاھاتىدا ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، قەلبى بەخت تۇيغۇسىغا تولدى. بىز چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، باش شۇجىنى خاتىرجەم قىلىمىز».

  «ئىككى كومىتېت» سايلىمى يېڭى كەيپىيات ئېلىپ كەلدى

  «مەن چوقۇم يۇرتداشلارنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويماي، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ليەندۈينى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرىمەن»

  3- ئاينىڭ 4- كۈنى ئەتىگەندىلا، كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى 2 - ليەنىدە، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما لۇڭ ئىشچى - خىزمەتچى ئاممىسى بىلەن بىللە بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  تۇەن - مەيدان ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھاتنى يولغا قويغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا «بەشتە بىرتۇتاش بولۇش»نى ئەمەلدىن قالدۇردى، ليەندۈي ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىدە ئىش، ۋەزىپىلەرنى بولۇشىغا ئۈستىگە ئېلىۋالمايدىغان بولدى، لېكىن بۇ، ليەندۈينىڭ بۇ ئىشلارغا ئەمدى كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە، كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتى− قانداق ئۇرۇق تاللاش، قانداق سولياۋ يوپۇق ئىشلىتىش، بۇ يىل ئەتىيازدا زادى نېمە تېرىش كېرەك؟ كېۋەزنىمۇ تېرىش كېرەك، باشقا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىمۇ تېرىش كېرەكتە! بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، كۆپچىلىك ما لۇڭنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن ئولىشىپ كېلىشتى.

  دېھقانچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، دېھقانچىلىق تېخنىكا خادىمىلىقىدىن كېلىپ چىققان ما لۇڭ كۆپچىلىككە ليەندۈينىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى تونۇشتۇردى: بۇ يىل شوخلا، شەنياۋ دېگەندەك كۆكتاتلارنى يەنە تېرىيمىز، ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىك جۇڭيىچە دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىپ سىناپ باقسا بولىدۇ. ليەندۈي خىزمەتچىسى خوۋ چىجۇڭ بېشىنى قاشلىغىنىچە: ئاۋۋال بەش مو كەتىرا، سەككىز مو ئوسما يىلتىزى تېرىشنى سىناپ بېقىشنى ئويلاۋاتىمەن، دېدى. ما لۇڭ شۇ زامان ليەندۈينىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ما لۇڭ ليەندۈي «ئىككى كومىتېت» سايلىمىدا، ئۆزىنىڭ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدارىغا تايىنىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سايلاندى.

  «سايلىنىش بىر خىل ئىشىنىش، بىر خىل ئىلھام، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل مەسئۇلىيەت. مەن چوقۇم يۇرتداشلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماي، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ، ليەندۈينى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرىمەن» دېدى ما لۇڭ.

  ليەندۈي «ئىككى كومىتېت» سايلىمى تۇەن - مەيدان ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھاتىنى ئالدى بىلەن باشلايدىغان ھالقا. ئىسلاھاتتىن بۇرۇن، ليەندۈي كادىرلىرى ئىزچىل ۋاكالىتەن تەيىنلىنەتتى، ۋاكالىتەن تەيىنلىنىپ ئەۋەتىلەتتى، ھازىر ليەندۈي «ئىككى كومىتېت» ئەزالىرىنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر دېموكراتىك سايلاپ بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن 20 نەچچىسى «ئىككى كومىتېت»تا باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈۋاتىدۇ.

  سايلاپ چىقىلغان «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەتنى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغىچە ئېلىپ باردى− تەپەككۇرنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى.

  بۇلتۇر كۈزلۈك ھوسۇل مەزگىلىدە، ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تۆت پاختا تېرىش ماشىنىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقۇقىنى ۋاقتىدا ئادىل تەقسىملەپ بەردى. ئىككىنچى ليەندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئېسىدە شۇ نەرسە ئېنىقكى، 80 - 90 ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ 6000 مو كېۋەزلىكىدىكى پاختا يېرىم ئايدىلا ماشىنىدا پۈتۈنلەي يىغىپ بولۇندى، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى. «پاختىنى يىغىۋېلىش تېز بولسا، تاپشۇرۇشمۇ تېز بولىدىكەن». ئىشچى - خىزمەتچى ئامما ئارقا - ئارقىدىن باشمالتىقىنى چىقىرىپ «ئىككى كومىتېت»نى ماختىدى.

  بۇ بىرقانچە كۈندە ئائىلە زىيارىتى قىلىش، كېۋەزلىككە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى پىلانلاش قاتارلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ما لۇڭنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى بىزنىڭ كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىمىزغا كېلىپ، بىز بىڭتۇەنلىكلەرگە غايەت زور ئىلھام بەردى. بىزنىڭ ليەنىمىز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا ماڭىدۇ، ئاساسىي قاتلام ليەندۈيىنى ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرىدۇ.

  ئىسلاھات ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى

  «ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەميېنى تومپايدى، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى»

  «8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى كۈنىدە، تۆتىنچى ليەننىڭ خىزمەتچىسى شۈ ۋەنشيۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ «ئېرىشكەن» چوڭ بىر سومكا مۇكاپات بۇيۇمىنى كۆتۈرۈۋالغانىدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

  دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئولتۇراق رايونغا جايلاشقان 80 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئائىلىسىدىكىلەر ماخار پىشۇرۇپ، پېچىنە - پىرەنىك سېلىۋاتاتتى، ئۆي مەززىلىك پۇراققا تولغان بولۇپ، كىشىگە قويۇق بەخت پۇرىقى ھېس قىلدۇراتتى.

  شۈ ۋەنشيۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزدىكىلەر چاغاندىن بۇرۇن زاكاز قىلغان تۈجۈپىلەپ ئورۇن بەلگىلەپ تېرىش سېيالكىسى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى يەتكۈزۈلۈپ قۇراشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

  ئىسلاھاتتىن كېيىن، يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ گۇۋاھنامە بېرىش يولغا قويۇلۇپ، شۈ ۋەنشيۇغا 50 مو يەر تەقسىم قىلىندى، بۇلاردىن سىرت يەنە بىر قىسىم يەرنى ھۆددىگە ئالدى. بۇلتۇر ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ 100 مودىن كۆپرەك كېۋىزىنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 400 كىلوگىرامغا يېقىنلىشىپ، 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى قانائەتلەندى.

  «ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەميېنى تومپىيىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى». شۈ ۋەنشيۇ مۇنداق دېدى: ئائىلىمىز بۇ يىل كېۋەز تېرىش كۆلىمىنى يەنە كېڭەيتتى، شۇڭا ئون نەچچە مىڭ يۈەنگە بىرتۆشۈككە بىرلا ئۇرۇق سالىدىغان تۈجۈپىلەپ ئورۇن بەلگىلەپ تېرىش سېيالكىسىنى سېتىۋېلىپ، پات ئارىدا باشلىنىدىغان كېۋەز تېرىقچىلىقىغا تەييارلىق كۆردۇق.

  يەرنى باشقۇرۇش شەكلى جانلاندى، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىلەنگەن ئىشچى - خىزمەتچى ئامما خۇشاللىققا چۆمۈپ، دادىللىق بىلەن يەردىن ئۈنۈم يارىتىدىغان بولدى.

  يېپيېڭى كىيىم كىيگەن شۈ ۋەنشيۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۇەن - مەيدانلارنىڭ ئىسلاھاتى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى، ئۇلار كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ».

  ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتى

  «يەر ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلىپ گۇۋاھنامە تارقىتىلدى، كۆپچىلىك خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچىنى يېدى»

  تۇەن - مەيدانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن پايدا توغرىسىدا توختالغاندا، خۇ ۋېنشيەن خۇشاللىقىدىن ئاغزى يۇمۇلماي مۇنداق دېدى: «يەر ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلىپ گۇۋاھنامە تارقىتىلدى، كۆپچىلىك خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچىنى يېدى».

  بىڭتۇەن تۇەن - مەيدانلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بەشتە بىر تۇتاش بولۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھۆددىگە ئالغۇچى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇەن - مەيدانلارنىڭ ئىلگىرىكى ئىش، ۋەزىپىلەرنى بولۇشىغا ئۈستىگە ئېلىۋېلىشتەك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىك باشقۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرمەي ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن ئارىلىشىۋالماي، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتتى.

  ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە تاپشۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بازار سۇبيېكتلىق ئورنىنى بېكىتىپ، «يەر ھەققىدە بىزنىڭ دېگىنىمىز ھېساب» دېگەننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ، غايەت زور ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىدى.

  تىرىشچانلارغا باھار بالدۇر كېلىدۇ. نۆۋەتتە، كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئېتىز - دالىلىرىدا كىشىلەر ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى، زور ئات كۈچىگە ئىگە بىرلەشمە يەر رەتلەش ماشىنىسى گۈركىرەپ ئېتىز قىرلىرىدا چېپىپ يۈرەتتى.

  بىڭتۇەن ئىشچى - خىزمەتچىلىرى تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ يېڭى قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى