تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل 316 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالىگە نەپ يەتكۈزۈلىدۇ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش (بىرىنچى قارارلىق) يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى باشلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ 3- ئاينىڭ 12- كۈنى ئېچىلغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش (بىرىنچى قارارلىق) يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى ھەم پۈتۈن شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدا قايتا ئىش باشلاش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 211 يېزا - بازار، 1049 كەنت، 316 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملايدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش (بىرىنچى قارارلىق) يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى ھەم پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىپ، بۇ يىللىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدىكى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، تەپەككۇر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، يىراق بىلەن يېقىننى بىرلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، 2019- يىللىق ئېلېكتىر تورى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ئالدىن پىلانلاپ، 750 كىلوۋولتلۇق تايانچ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ قۇرۇلۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ تېز ئالغا سىلجىتىپ، 2019- يىلىدىكى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر ئايلىنىش ئىقتىدارى، بايلىقنى تەڭشەپ تەقسىملەش ئىقتىدارى، مۇلازىمەت، كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تولۇق، يېتەرلىك ئېلېكتىر كۈچى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى