تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۈك يېنىكلىتىلسىمۇ مەسئۇلىيەتنى يېنىكلەتمەيمىز ئەمەلىي ئىشلەپ ياخشى نەتىجە يارىتىمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللەر، ئەزالار «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 2019- يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن دېڭىزىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنى، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش زىيادە كۆپ بولۇش، زىيادە تەكرار بولۇش، زىيادە ئىز قالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش» تارقىتىلغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دىققەت - ئېتىبارى ۋە قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇقتۇرۇش»تا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇلغان، تەدبىرلەر دەل جايىدا بولغان بولۇپ، ئىللىق كۈچ بېغىشلايدۇ. يۈكنى يېنىكلىتىپ، مەسئۇلىيەتنى يېنىكلەتمەي، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل، تېخىمۇ تولۇق غەيرەت بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ يېڭى نەتىجە يارىتىمىز.

  يۈكنى يېنىكلىتىش ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشى تىكلەپ بەردى

  «ئۇقتۇرۇش»تا ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش چۆرىدىلىپ، دىققەت «تۆتتە كۈچەش»كە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.

  «<ئۇقتۇرۇش>تا بۇ يىل <ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى> قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامغا رىشتە باغلايدىغان، كادىرلارغا كۆيۈنىدىغان خەلقنى كۆزلەش مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.» ۋەكىل لى بىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019- يىل يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قەلب ساداسىنى زەن قويۇپ ئاڭلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتالايدىغان كادىرلارنى تېخىمۇ غەيرەتكە كەلتۈرۈشىمىز، ئۈمىدكە تولدۇرۇشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىمۇ مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسىي نەتىجىگە باھا بېرىشتە ئاخىرقى نەتىجىگە قارايمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئارقىدىنلا «ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، كۆپچىلىكنى يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە قىلدى.

  ۋەكىل چېن لياڭ مۇنداق دېدى: «كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، <ئۇقتۇرۇش>نى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىزچىل ھالدا ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتىكى روشەن پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغىمۇ روشەن يۆنىلىش تىكلەپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ چوقۇم ئەمەلىيەتچىل بولۇش، چوقۇم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش».

  «<ئۇقتۇرۇش>نىڭ ھەربىر جۈملىسىدە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەر دېيىلىپتۇ.» ۋەكىل ئەكبەر مەتناسىر مۇنداق دېدى: «ئۇقتۇرۇش» ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن باغلاقنى بوشىتىپ يۈكنى يېنىكلىتىدىغان، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشى تىكلەپ بەردى، بۇ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە سەرپ قىلىدىغان قىلىدۇ.

  مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز

  ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن دېڭىزىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش زىيادە كۆپ بولۇش، زىيادە تەكرار بولۇش، زىيادە ئىز قالدۇرۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا «ئۇقتۇرۇش»تا بەزى قاتتىق تەدبىرلەر تۈزۈلۈپ، ئاز بولمىغان قاتتىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئۈچۈن «يۈك» كۈچەپ يېنىكلىتىلدى. ۋەكىل ئەكبەر مۇنداق دېدى: «ئۇقتۇرۇش»تا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشتىكى جاھىل كېسەلگە قارىتا مەشغۇلاتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك «دورا رېتسېپى» يېزىلدى.

  «<ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى> تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەزى كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشتۇر.» ئەزا باتمارا مۇنداق دېدى: كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان بەزى شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كەڭ كادىرلارنى ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى رىغبەتلەندۈرىدۇ.

  «شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچىنى ئىگىلىۋالىدۇ.» ۋەكىل لى بىن مۇنداق دېدى: مەسىلەن، خىزمەتتە «ئىز قالدۇرۇش» قاتارلىق مەسىلىلەر شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، كادىرلارنى «يارىلاندۇرۇپ»لا قالماي، يەنە كادىرلارنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋاقتىنى ئىگىلىۋېلىپ، ۋاسىتىلىك ھالدا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. «شۇڭا، يۈكنى يېنىكلىتىشنىڭ مەقسىتى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ دىققىتى ۋە زېھنىي كۈچىنى ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتىشتۇر».

  يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىمىز

  ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، قارىماققا ئېلىش ئەمىلىنى ئىشلەشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قوشۇش ئەمىلىنى ئىشلەشتۇر. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ شەكىلۋازلىق سەۋەبلىك چارچاپ كېتىشتەك باش قېتىمچىلىقى ئازايسا، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان زېھنىي كۈچى كۆپىيىدۇ. دەل ئەزا باتمارانىڭ دېگىنىدەك: «يۈكنى يېنىكلىتىش ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدۇ».

  «ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بەس - بەستە تېخىمۇ قەتئىي ھەرىكىتى بىلەن، دىققىتى ۋە زېھنىي كۈچىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا، ئەمەلىي ئىشلەشكە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «كېيىنكى قەدەمدە، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، <ئۇقتۇرۇش>نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ھالدا <تۆت ئاڭ>نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، <ئىككىنى قوغداش>نى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەيمىز» دېدى ۋەكىل چېن لياڭ.

  «<ئۇقتۇرۇش> ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، بۇ، ئۇلارنى تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئالغا ئىنتىلىشكە ئىلھاملاندۇردى.» ئەزا يۈكسەك شىجائەت مۇنداق دېدى: «ئۇقتۇرۇش» تارقىتىلغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقى، مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. زور كۈچ سەرپ قىلىپ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىپ، زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  «زىممىمىزدىكى يۈك تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.» ۋەكىل لى بىن مۇنداق دېدى: خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنىڭ نېگىزى ئاساسىي قاتلامدا. ئاساسىي قاتلام پارتىيەنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى ئاچقۇچ بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، خەلققە رىشتە باغلاپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدىغان ئاساسىي قاتلامدىكى ياخشى «باشلامچى ياۋا غاز» بولۇشى كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۈي، رېن جياڭ، لى ياڭ، سۈي يۈنيەن، جاڭ يۈنمېي، شى شىن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى