تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋەتتى

  چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتناشتى

3- ئاينىڭ 12- كۈنى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى ھەم جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋەتتى. سۈرەتتە، جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيداندا زىيارەت قىلماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، سۈي يۈنيەن، لى ياڭ، شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى ھەم جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋەتتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىن سائەت 15تە باشلاندى. ئەپلىك جاينى ئىگىلەش ئۈچۈن، مۇخبىرلار بالدۇرلا خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىغا كېلىپ، فوتو ئاپپارات، تېلېكامېرانى توغرىلاپ، مۇۋاپىق ئورۇننى تاللاپ يېڭى تاراتقۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، دۇنيانىڭ نەزەرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتى. خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، ئىقتىساد گېزىتى، جۇڭگو گېزىتى، جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى، سۇمۇرغ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، جۇڭتيەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جاۋرى خەۋەرلەر گېزىتى، ۋال كوچىسى گېزىتى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، تيەنكۇڭ خەۋەرلەر تورى، ئامېرىكا رادىيو شىركىتى، رېيتېر ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئەنگلىيە ۋېيباۋ گېزىتى، ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى، ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى قاتارلىق 167 جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇسىنىڭ 230 نەچچە مۇخبىرى نەق مەيدانغا كېلىپ زىيارەت قىلدى.

  قاراپ چىقىش جەريانىدا، شۆھرەت زاكىر، چېن لياڭ قاتارلىق ۋەكىللەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئاممىۋى خىزمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان مۇكەممەل خاراكتېرلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى تولۇق قوبۇل قىلغان بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن، بۇ تۈزىتىلگەن نۇسخىنى قۇۋۋەتلەيمىز. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەۋقەنى يېڭى دەۋردە خەلق ئاممىسىنىڭ دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، خەۋپسىزلىك، مۇھىت قاتارلىقلارغا بولغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپىگە قويۇپ، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش تارمىقىنىڭ تەۋەلىكىنى يۆتكەش، تەپتىشلىك فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشكە پائال ماسلىشىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، ئومۇملۇققا ئېتىبار بېرىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرقاتار تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتىشىپ مېڭىش پىكىر يولى - تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تەۋەلىكىنى يۆتكەشنى قانۇن نازارەتچىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، تولۇق تەرەققىي قىلىشىدىكى بۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك تەپتىشلىك خىزمەتلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمىز.

  قاراپ چىقىش، پىكىر قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو، چەت ئەل مۇخبىرلىرى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا سوئال سورىدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، پېڭ جيارۈي، ۋاڭ گاڭ، نىياز ھاشىم قاتارلىق ۋەكىللەر مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، غانىبات سابۇكەي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.