ئۆز مۇخبىرىمىز ما يۈن خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنى يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان كۆچەت تىكىش بايرىمى. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىيانشان رايونى تەۋەلىكىدىكى 218 يول، ئاممىۋى يېشىللىق قاتارلىق جايلاردىكى دەرەخلەرنى مەركەزلىك پۇتاپ، كېسەللىكنىڭ ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدى ئېلىشقا باشلىغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىيانشان رايونى باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋېي فەنشياڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، قۇرۇت يېگەن شاخ، قۇرۇپ كەتكەن شاخ ھەمدە قىشتا يىغىلغان قاردا بېسىلىپ بۇزۇلغان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۈت بولغان شاخلارنى پۇتاش دەرەخلەرنىڭ شەكلىنى كۆركەم ھالەتتە ساقلاش، كېسەللىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدىكەن.