ئايجامال بىر خانىمغا يانفوندا ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق ساختا، ناچار تاۋارلارنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگەتمەكتە.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئاھالىلەرگە ساختا، ناچار ماللارنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگەتمەكتە.
مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يامالىق تېغى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، جەنۇبىي ۋوگزال مەھەللىسى، باۋشەن مەھەللىسى، نەنلىياڭپو مەھەللىسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنى تەشكىللەپ، جەنۇبىي ۋوگزال مەھەللىسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، تۇغقانلار بىلەن بىللە ساختىلىققا زەربە بېرىش ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نەق مەيداندا ئاھالىلەرگە ساختا تاۋارلار، ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىكلەر، كۈندىلىك بۇيۇملارنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگەتتى.
دوۋ جيەنشىن ئاھالىلەرگە ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگەتمەكتە.
ئەترەت ئەزالىرى ئاھالىلەرگە تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقاتماقتا.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، سايباغ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالار ئالدى بىلەن كۆپچىلىككە 15-مارت خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كۈنىگە ئائىت تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىپ بەردى. ئارقىدىن كۆپچىلىكنى كۈندىلىك بۇيۇملار ۋە يېمەكلىكلەر تىزىلغان مەھەللە زالىغا ئېلىپ كىردى. ئەترەت ئەزاسى ئايجامال كۆپچىلىككە يانفوندا ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈشنى سۆزلەپ بەردى، سىكاننېرلىغان ئىككىلىك كود ئۇچۇرى مەھسۇلات بىلەن ماس كەلسىلا، دەسلەپكى قەدەمدە نورمال مەھسۇلات دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىكەن. ئەترەت ئەزاسى دوۋ جيەنشىن كۆپچىلىككە تاۋار سېتىۋالغاندا ئەڭ ياخشىسى مۇنتىزىم دۇكان، تاللا بازارلىرىدىن سېتىۋىلىشنى، ئالدى بىلەن تاۋار بەلگىسى رەڭگىنىڭ ئوچۇق ياكى ئەمەسلىكىگە، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقىت، سۈپەت مۇددىتىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن تەركىبى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت، ئىشلەپچىقىرىلغان ئادرېسى قاتارلىقلارنىڭ تولۇق ياكى ئەمەسلىكىگە قاراشنى تەۋسىيە قىلدى. ساختا تاۋار سېتىۋالغاندا، نەق مەيداندا مەلۇم قىلىشقىمۇ، يەنە 12315 غا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلىشقىمۇ بولىدىكەن.