تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالا دىئابېت كېسىلى بىمارلىرى كۆپەيدى مۇتەخەسسىسلەر ھەرگىز زىيادە بېقىۋەتمەسلىكنى ئەسكەرتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر شۈەي سەي) مۇخبىرنىڭ خۇنەن ئۆلكىلىك مېڭە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، خۇنەن ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دوختۇرخانا قوبۇل قىلىپ داۋالىغان بالا دىئابېت كېسىلى بىمارلىرى كۆپەيگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى بالا بىمارلار ھەر كۈنى ئىنسۇلىن ئۇرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بالىلارغا ھەددىدىن ئارتۇق مايلىق يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك، دىنامىكىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ھەددىدىن ئارتۇق باقماسلىق، بالىلارغا شېكەرلىك ئىچىملىكلەرنى كۆپ بەرمەسلىك كېرەك.

  خۇنەن ئۆلكىلىك ئىككىنچى خەلق دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى 3- كېسەللەر رايونىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ شياۋسۇڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، دىئابېت كېسىلى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولماسلىقتىن قان تەركىبىدىكى شېكەرنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىدىغان ئىچكى ئاجراتما ماددا ئالمىشىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئىكەن. بالىلاردىكى دىئابېت كېسىلى 1 تىپلىق دىئابېت كېسىلىنى ئاساس قىلىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دوختۇرخانا قوبۇل قىلىپ داۋالىغان دىئابېت كېسىلى بىمارلىرى ئىچىدە بالىلارنىڭ سانى كۆپەيگەن، ھەتتا بەزى بىمارلاردا يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرمۇ بار ئىكەن. بەزى بىمارلار قان شىكىرى، قان بېسىمىنى ياخشى كونترول قىلالمىغانلىقتىن، ئاخىرىدا مېڭە قان-تومۇر توسۇلۇپ، داۋالاشتىن كېيىن يارتا پالەچلىك قاتارلىق كېسەللىك ئاسارىتى قالغان.

  خۇاڭ شياۋسۇڭ مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى، يېقىندا، بالىلار ۋە ياشلار- ئۆسمۈرلەردە سېمىزلىكتىن بولغان كېسەل نىسبىتى ئېشىپ، ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسى بولۇپ قالدى. ئەگەر بالىلاردا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆپ تەرلەش، تىترەش، يۈرەك سوقۇشى تېز بولۇش، جىق ئۇخلاش، يېتىلىشى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك. ئەگەر بالىلاردىكى دىئابېت كېسىلىنى ياخشى كونترول قىلمىغاندا، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئاسانلا كۆرۈش تور پەردە كېسىلى، بۆرەك كېسىلى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. دىئابېت كېسىلى تولۇق ساقايمايدۇ، دىئابېت كېسىلى بولۇپ قالغان بالىلار چوقۇم قاندىكى شېكەرنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، ئىلمىي دورا يەپ، ئىنسۇلىن ئۇرۇشقا تېگىشلىك  بولسا ۋاقتىدا ئىنسۇلىن ئۇرۇشى كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە بېقىۋەتمەسلىكى، بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى ماينىڭ ئېشىشىنىڭ تېز بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى، بالىلارغا كۆپرەك يېڭى يېمەكلىكلەرنى بېرىشى، بەدەننىڭ بەك جىق تۇزنى قوبۇل قىلىۋېلىشىدىن، تۇزلۇق سەي، سۈر گۆش، تۇزلانغان تۇخۇم، كونسېرۋالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بالىلارنى مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، سىرتقى پائالىيەتلەر ئارقىلىق، دىنامىكىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، سېمىزلىكتىن بولغان كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ  ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى