تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سەھەردە چېنىقىش ۋە ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق

  بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىز ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، سەھەردە 30 مىنۇت چېنىقىش ئۇلارنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

  ئاۋسترالىيەدىكى غەربىي ئاۋسترالىيە داشۆسى بىلەن مېلبۇرن بېك يۈرەك ۋە دىيابېت كېسىلى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىملىرى 80~55 ياشقىچە بولغان 67 نەپەر (بۇنىڭ ئىچىدە 35ى ئايال) سىناققا قاتناشقۇچىنى تاللاپ چىققان بولۇپ، بۇلار بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىز كىشىلەر ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ياشانغانلارنىڭ سەھەردە چېنىقىشىنىڭ قان بېسىمغا بولغان پايدىلىق تەسىرى ھەمدە ئۇزۇن ئولتۇرۇش داۋامىدا پات-پات ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ سەھەردە چېنىقىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاشۇرىدىغان ياكى ئاشۇرمايدىغانلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولغان.

  تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلاردىن ئالتە كۈندە ئوخشاشمىغان ئۈچ خىل ھالەتكە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان: ئۇدا 8 سائەت ئولتۇرۇش؛ ھەرىكەت قىلىشتىن 30 مىنۇت بۇرۇن بىر سائەت ئولتۇرۇش، ئارقىدىن 6.5 سائەت ئولتۇرۇش؛ ھەرىكەت قىلىشتىن 30 مىنۇت بۇرۇن بىر سائەت ئولتۇرۇش، ئارقىدىن 6.5 سائەت ئولتۇرۇش جەريانىدا ھەر 30 مىنۇتتا بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈچ مىنۇت ھەرىكەت قىلىش. بۇ تۈرلۈك تەتقىقات كونترول قىلىنىدىغان بىر تەجرىبىخانا مۇھىتىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سىناققا قاتناشقۇچىلار تەتقىقات باشلىنىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى كەچتە ۋە تەتقىقات داۋامىدا ئوخشاش ئۆلچەملەشكەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان. سىناقنى قوبۇل قىلغان سەككىز سائەت ئىچىدە، ئۇلارنىڭ قان بېسىمى ۋە ئادرېنالىن سەۋىيەسى تەكرار ئۆلچەنگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەرىكەت قىلمايدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا سەھەردە چېنىقىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە قان بېسىمىنىڭ (بولۇپمۇ قىسقىرىش بېسىمى) تۆۋەنلىگەنلىكى؛ ئۇزۇن ئولتۇرۇش داۋامىدا ئورنىدىن تۇرۇپ ئازراق ھەرىكەت قىلىشنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

  «يۇقىرى قان بېسىم ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا ياشانغانلارنىڭ سەھەردە چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئولتۇرۇش داۋامىدا پات-پات ئورنىدىن تۇرۇپ 5~3 مىنۇت ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنغان.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى