شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارى مۇخبىر لى كې خەۋەر قىلىدۇ): 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى ئارمودۇن بازىرى ئۇلانغاجار كەنتىنىڭ ئاھالىسى خەن شىنپىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى گۈلشەن ئەيسانىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى قوي قوتىنى ياغاچ قاشىسىنىڭ ئانچە پۇختا ئەمەسلىكىنى بىلدى-دە، قولىدىكى ئىشنى قويۇپلا، سايمانلىرىنى ئېلىپ، يولدىشىنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە «ئاچا»سى گۈلشەننىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
ئالدىراپ يېتىپ كەلگەن خەن شىنپىڭ ئېرى بىلەن سىم تور تېپىپ، بىر چۈشتىن بۇرۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ قوي قوتىنىنى پۇختىلىدى.
ئۇلانغاجار كەنتىدە، خەن شىنپىڭ بىلەن گۈلشەن تىلغا ئېلىنسىلا، كەنتتىكىلەردىن ئۇلارنى ماختىمايدىغىنى يوق. خەن شىنپىڭ بىلەن گۈلشەن ئىككىسى 14 ياش پەرقلەنسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىربىرىنى ئاچا-سىڭىلدەك كۆرىشىدۇ. مەيلى كىم قىيىنچىلىققا يولۇقسۇن، ئىككىلا تەرەپ بىرىنچى بولۇپ ياردەم قولىنى سۇنىشىدۇ.
2016-يىلىنىڭ ئاخىرى، خەن شىنپىڭ بىلەن گۈلشەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە تۇغقان بولۇشقان .
گۈلشەن تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: «چوڭ ئوغلۇم تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ قېلىپ، جىددى ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلدى، سىڭلىم بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال 5000 يۈەن ئېلىپ دوختۇرخانىغا بىزنى كۆرگىلى كەلدى. ئۆيىمىزدە جان سانىمىز كۆپ، يەر ئاز، بىر يىللىق ھوسۇلمۇ كۈندىلىك چىقىمىزغا ئارانلا يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلۇمنى ئوقۇشتىن توختىتىشنى ئويلىدىم، سىڭلىم بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، ماڭا ئوقۇش پۇلى ئورنىدا 2000 يۈەن ئېلىپ كېلىپ، بالا ئوقۇشسىز قالسا بولمايدۇ-دېدى ».
ھەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق باشلانغاندا، خەن شىنپىڭ گۈلشەنگە ياردەم قىلىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ھەققىنى ئالدىن تۆلىۋېتەتتى. گۈلشەن مۇنداق دېدى: «ئۇ ئەزەلدىن مېنىڭ پۇلنى قايتۇرالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ باقمىدى، شۇنداقلا قەرزنى ئالدىرتىپ باقمىدى، ئۇ بىزنى «خاتىرجەم» قىلدى.
چىن كۆڭۈلگىلا ھەقىقىي ھېسسىياتنى تېگىشكىلى بولىدۇ، شۇندىلا ماڭغانسېرى بىر-بىرىگە يېقىن بولغىلى بولىدۇ. «بىزنىڭ 120 نەچچە مو يېرىمىز بار، ئادەتتە يېتىشىپ بولالمايمىز، بۇنداق چاغلاردا ئاچامغا تېلېفون قىلىپ ئۇنى ياردەمگە چاقىرىمەن، ئۇ ھەمىشە بىرىنچى بولۇپ كېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قايتىدۇ». خەن شىنپىڭ ئۆزىنىڭ بۇنداق ياخشى تۇغقىنى بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولدى.
باردى-كەلدى قىلىپ ئارىلىشىش جەريانىدا، خەن شىنپىڭ بىلەن گۈلشەننىڭ قەلبى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ