تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئەر-خوتۇنلارنىڭ چىرايىنىڭ ئوخشاپ قېلىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بار

  بىز دائىم ئۇزاق يىل بىرگە ياشىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ چىرايىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، بۇ خىل ئەھۋالنى كۆپچىلىك يىقىملىق قىلىپ «سىياقداش جورىلار» دەپ ئاتايدۇ. ئامېرىكىدا ئىلگىرى بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئېلىپ بېرىلغان، 1600 جۈپ ئەر-خوتۇننى كۈزىتىش ئارقىلىق، توي قىلغىنىغا قانچە ئۇزۇن بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ چىرايىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ شۇنچە ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش-تۇرۇشتىن، خاپا بولۇش، كۈلۈشكىچە بىر-بىرىگە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

 گېن . ئامېرىكا « دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزىنىڭ گېنى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئادەمنى تاللاپ توي قىلىشقا مايىل ئىكەن. تەتقىقاتچىلار 825 جۈپ ياشانغان ئەر-خوتۇننىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى ئانالىز قىلىپ، توي قىلغان جورىلارنىڭ گېنىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ خىل ئەھۋالنى ئىرسىيەت تىپىدىكى جورىلار دەپ ئاتىغان. قوشكېزەكلەر بىلەن قوشكېزەكلەر توي قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا يەنە قوشكېزەك پەرزەنتلىك بولدى....بۇ ئىشلار ھەرگىزمۇ توغرا كېلىپ قېلىش بولماستىن، كەينىدە مەلۇم ئاساسىي بار. بۇ كىشىلەرنىڭ  ئۆز گېنىنى قوغداشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى.

  باكتېرىيە. ئەر-خوتۇنلار ئۇزۇن ۋاقىت بىرگە ياشىسا، ئىككىسىنىڭ بەدىنىدىكى ئەسلىدە ئوخشىمايدىغان باكتېرىيە مىكرو ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بارغانسېرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. باكتېرىيە توپى بارا-بارا  ئوخشىشىپ كېتىش جەريانىدا، ئەر-خوتۇن خاراكتېرى، ئىش-ھەرىكەت ئادىتى قاتارلىقلارغا تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ مىجەز، ئادىتىنىڭ بارغانسېرى ئوخشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گېن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەر-خوتۇنلار سۆيۈشكەندە، باكتېرىيە توپىنى ئالماشتۇرىدىكەن. 10 سېكونت سۆيۈشكەندە تەخمىنەن 80 مىليون باكتېرىيە توپىنى ئالماشتۇرىدىكەن.

  مۇھىت. تويدىن كېيىنكى تۇرمۇش ئورتاق مۇھىتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئەر-خوتۇنلار بىرگە قارار چىقىرىدۇ، بىرلىكتە قايغۇ-ئەلەم خۇشاللىقنى ھېس قىلىدۇ، بۇ جەرياندا ئىككەيلەن فىزىئولوگىيە ۋە پىسخىكا جەھەتتىن بارغانسېرى ئوخشىشىپ قالىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك ئورتاق ھېسسىيات كەچۈرمىشى يۈز مۇسكىللىرىغا تەسىر قىلىپ، ئوخشاش قورۇق، يۈزدىكى ئەگرى سىزىق ۋە روھىي قىياپەتلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. يەنە تېخى، بىرگە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ئادىتى، يېمەكلىك سۈپىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئوخشاشلىقى، سىرتقى قىياپىتى بىلەن قىزىقىشىنىڭ ئوخشاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  دوراش. ئەر-خوتۇنلارنىڭ چىرايىنىڭ ئوخشاپ قېلىشى بىر خىل تەقلىد قىلىشنىڭ نەتىجىسى. ئىككى ئادەم دائىم بىللە ياشاپ، قارشى تەرەپنىڭ چىراي ئىپادىسىنى دوراپ، ئوخشىشىپ كېتىدىغان خاراكتېر، ھەرىكەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇلار مىجەز ۋە قىزىقىشىغا تەسىر قىلىپ، بارغانسېرى بىر-بىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

  ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى