«سىزگە كۆپ رەھمەت، خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە بەك ئەتراپلىق ئويلاپتۇ، پىدائىيلارنى تەشكىللەپ چېچىمىزنى ھەقسىز ياساپ قويدى ......» 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى قۇبۇقسار بازىرى باغىس مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جۇۋ يىڭلۈن ئەينەكتىن تېخى بايىلا ياساتقان چاچ پاسونىغا قاراپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى.
باغىس مەھەللىسى چاچ ياساش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدە جەمئىي بەش نەپەر ساتىراش بار بولۇپ، ۋاڭ لى شۇلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ساتىراشخانىسى بار، چاچ ياساش تېخنىكىسى، مۇلازىمەت پوزىتسىيىسى ياخشى بولغاچقا، خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. «چاچ ياساش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھۈنىرىم ئارقىلىق باشقىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلالىغىنىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن.» دېدى ۋاڭ لى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.
«3-ئاي پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئېيى، مەھەللىمىزدىكى 178 نەپەر پىدائىي ئالتە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، مەھەللىنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى جانلاندۇردۇق، بۈگۈن، دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، چاچ ياساش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكىلەر مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسىنىڭ چېچىنى ياساپ قويدۇق. كېيىن بىز بۇ خىل پائالىيەتنى داۋاملىق قانات يايدۇرىمىز، مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەر ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىرلىكتە مەدەنىي ۋە ئىناق مەھەللە قۇرۇپ چىقىمىز.» دېدى قۇبۇقسار ناھىيىسى سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ قۇبۇقسار بازىرى باغىس مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى گېڭ شاۋيۈن .( تارباغاتاي ۋىلايىتى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ياڭ جۈنيىڭ تەمىنلىگەن)