تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارى مۇخبىر ۋاڭ يەن): تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسى تۆمۈر تام بازىرى خاتۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئارشىنگۈل شىرقات «مېھرىبان ئانىلار» كوللېكتىپىنىڭ ۋەكىلى جاينانىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: «مەن ئەڭ قىيىنچىلىق ۋاقىتتا ماڭا ياردەم قىلغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت» دېدى. يېقىندا، تۆمۈر تام بازىرى خاتۇ كەنتىدىكى «مېھرىبان ئانىلار» كوللېكتىپى ئۇنىڭغا 3000يۈەندىن ئارتۇق پۇل ھەمدە قىسمەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىئانە قىلدى.
ئارشىنگۈل بۇ يىل 39 ياش، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇنىڭغا بەل ئومۇرتقىسى تۇبېركۇليوز كېسىلى دەپ دېئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، بۇ كېسەل ئۇنىڭ ئەسلىدىلا باياشات بولمىغان ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى.
تۆمۈر تام بازىرى خاتۇ كەنتىدىكى «مېھرىبان ئانىلار» كوللېكتىپى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك بەس-بەستە ياردەم قولىنى سۇنۇپ جەمئىي 3000 يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە توپلىدى. «مېھرىبان ئانىلار» كوللېكتىپىنىڭ ۋەكىلى جاينا ئىئانە پۇلىنى ئارشىنگۈلنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندا، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش غىلدىرلىدى ھەمدە توختىماي رەھمەت ئېيتتى.
جاينا مۇنداق دېدى: « بىز ئۆيىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىپ بولدۇق، روھىڭىزنى چۈشۈرمەي، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، قەيسەرلەرچە ياشاڭ، بىز كۆپچىلىك سىزنى ئىزچىل قوللاپ، ياردەم بېرىمىز».
ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ