تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى 7000 خىلدىن كۆپ دېڭىز-ئوكيان يېڭى مىكرو ئورگانىزمىنى بايقىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر جاڭ ياشى) شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى يېقىندا، مەزكۇر مەكتەپ پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ 7000 خىلدىن كۆپ دېڭىز-ئوكيان يېڭى مىكرو ئورگانىزمىنى بايقىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر خىل تەبىئىي دورىلىق ھاسىلات كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيەسى تۈرى بار بولۇپ، يېڭىچە ئانتىبىيوتىكلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئۈچۈن ئۈمىد ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  پەن تەتقىقات كوللېكتىپى شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى دېڭىز-ئوكيان ئىلمى شىسىنىڭ پىروفېسسورى چيەن پېييۈەننىڭ يېتەكچىلىكىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھ ئابدۇللا پەن-تېخنىكا داشۆسى، ئامېرىكا گېئورگىي داشۆسى ۋە ئاۋسترالىيە كۋېنسلاند داشۆسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەسلىي ئورۇندا بىئوپەردە يېتىشتۈرۈش تەتقىقات ئۇسۇلى ئارقىلىق، پۈتكۈل يەر شارىدىكى تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكيان قاتارلىق كۆپلىگەن سۇ رايونلىرىدىن ئەۋرىشكە ئالغان. سەككىز يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى 7000 خىلدىن كۆپ دېڭىز-ئوكيان يېڭى مىكرو ئورگانىزمى ۋە 10 يېڭى مىكرو ئورگانىزم تۈرىنى بايقاپ، ئىنسانلارنىڭ دېڭىز-ئوكيان مىكرو ئورگانىزملىرىغا بولغان بىلىشىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىلىم-پەن ساھەسىدە، دېڭىز-ئوكياندا 80 تۈر بويىچە جەمئىي 35 مىڭ خىل مىكرو ئورگانىزم بار، دەپ قارىلىپ كەلگەن.

  بۇ قېتىمقى تەتقىقاتتا يەنە بىر خىل يېڭى تىپتىكى كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيەسى تۈرى بايقالغان، بۇ، ئىلگىرى قۇرۇقلۇق تۇپرىقىدىلا تېپىلىدىغان بۇ تۈرنىڭ دېڭىزدا تۇنجى قېتىم بايقىلىشى ئىكەن. ئۇنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن خىمىيەلىك بىرىكمىلەردىن تەشكىل تاپقان گېن گۇرۇپپىسى بار بولۇپ، راكقا قارشى تۇرۇش ۋە يېڭى تىپتىكى ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ياساشقا ئىشلىتىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.

   تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى لى يۇڭشىن مۇنداق دېدى: دېڭىز-ئوكياندىكى باكتېرىيە ئىنسانلار بىلەن ناھايىتى ئاز ئۇچرىشىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ دورىغا چىداملىق گېنىنى دېڭىز-ئوكياندىن داۋالاش سىستېمىسىغا يۆتكەش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن، دورىغا چىداش خېيىم-خەتىرىمۇ بىرقەدەر تۆۋەن، يېڭىچە ئانتىبىيوتىكلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا پايدىلىق.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيەسى تۈرىدە ئەڭ يېڭى گېن تەھرىرلەش سىستېمىسى __ CRISPR بار بولۇپ، دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى ئارىسىدا تۇنجى كۆرۈلۈشى ئىكەن. CRISPR باكتېرىيەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان گېن گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئاساسلىقى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسىدىن ئايرىپ ئېلىنىدىكەن، سىرتتىن كىرگەن پلاستىد ياكى باكتېرىيە يۇتقۇچى تەنچىگە قارشىلىق كۆرسىتىپلا قالماي، گېن تەھرىرلەش ئىقتىدارى بار ئىكەن، نۆۋەتتە سانائەت، يېزا ئىگىلىك ۋە دورا گېنىتىكىسى تەتقىقاتىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، زىرائەتلەرنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش ۋە تەبىئىي ئاپەت قاتارلىقلارغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىۋېتىپتۇ.

  بۇ تەتقىقات نەتىجىسى خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت. خەۋەر»دە ئېلان قىلىنغان.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى