تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۆپ ئۇخلىسا ئىممۇنىتېت كۈچى ئاشىدىكەن

  گېرمانىيەدىكى ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئۇيقۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

  گېرمانىيە تۇبىنگېن داشۆسىدىكى دوكتور ستويان دىمىتروف T ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاق قان ھۈجەيرىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. T ھۈجەيرە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن خەتەرلىك ھۈجەيرىلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن ھەم ئۆلتۈرەلەيدىكەن. T ھۈجەيرە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرنى پەرقلەندۈرگەندىن كېيىن، يېپىشقاق ئاقسىل − ئىنتېگرىننى قوزغىتىپ، يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرنى ئۆلتۈرىدىكەن.

  تەتقىقات خادىملىرى 10 نەپەر ساغلام پىدائىينىڭ T ھۈجەيرىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىققان. پىدائىيلار ئىككى قېتىملىق تەجرىبىگە قاتناشقان، تۇنجى قېتىملىقى كەچ سائەت 11دىن ئەتىسى ئەتىگەن سائەت يەتتىگىچە ئۇيقۇ ھالىتىدە ئېلىپ بېرىلغان، ئىككىنچى قېتىملىقى، يەنە مۇشۇ ۋاقىت ئارىلىقىدا ئويغاق، پاراڭلاشقان ياكى مۇزىكا ئاڭلىغان ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان. نەتىجىدە، تولۇق ئۇخلىغان ھالەتتە تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكى T ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىنتېگرىننى قوزغىتىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى