خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ساڭجۇ شەھىرى يۇقىرى قىيىنلىقتىكى شىر ئۇسسۇلى لىڭگىر تاقتىن ئۆتۈش نومۇرىنى ئورۇنلىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، خېپىڭ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن 2019-يىللىق 32-نۆۋەتلىك «خېپىڭدا باھار» ناملىق مەھەللە مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ھەم 8-نۆۋەتلىك «خېپىڭ لوڭقىسى» دېھقانلار كالېندارى بويىچە 2-ئاينىڭ 2-كۈنى لۇڭتەيتوۋ (ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بايرىمى) بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ مۇنەۋۋەر ئۆرۈپ-ئادەت مەدەنىيەت نومۇرلىرى كۆرىكى مىنيۈەن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
نومۇر كۆرسىتىش بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان بولۇپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ساڭجۇ شەھىرى ئېلىپ كەلگەن 18مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئەجدىھانىڭ يۇقىرى-تۆۋەنگە شۇڭغۇشى، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى قىيىنلىقتىكى شىر ئۇسسۇلى لىڭگىر تاقتىن ئۆتۈش ئويۇنى پۈتۈن مەيداندا ئالقىشقا ئېرىشتى. گېگۇ ياغاچ پۇت ئەترىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ياغاچ ئاياغ ئويۇنى سەنئەت ماھارىتى كىشىنى مەپتۇن قىلدى. بېيجىڭدىن كەلگەن ناخشىچىنىڭ كۆپچىلىككە تەقدىم قىلغان ناخشىسىدا، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان تۇلۇپ-تاشقان ئۈمىد ئىپادىلەندى. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ يەرنىڭ ئارتىسلىرى بىرلىكتە تەقدىم قىلغان مول مەزمۇنلۇق رەڭگارەڭ نومۇرلاردىن نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.