«كۆكتات مايسىلىرى ئىنتايىن رەتلىك ئۆسۈپتۇ، سىز يەنە لاپاسنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇڭ، بۇ يىل مول ھوسۇل ئېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى شايار ناھىيەلىك سودا ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ شايار ناھىيەسى شايار بازىرىنىڭ خۇايۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى جۇ يۈنۋېي ئاھالە لى خەيچىڭگە.
3-ئاينىڭ 8-كۈنى، شايار ناھىيەسى شايار بازىرى خۇايۈەن مەھەللىسىدىكى پارنىك-لاپاسلار باشقىچە ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئىنچىكىلىك بىلەن يۇ يەردە كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى، لى خەيچىڭ خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالار ۋ تېخنىكلارنىڭ كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈشكە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ يىل لاپاستا كۆكتات تېرىشتا تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى.
لى خەيچىڭ ئىلگىرىمۇ كۆكتات تېرىشقا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلاپ باققان، ئەمما، مايسا يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدا ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىگەنىدى. مايسا چىقىش نىسبىتى يۇقىرى بولماسلىق، كۆچۈرۈپ ئۆستۈرگەندە ئەي بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش سەۋەبلىك ئۇنىڭ كۆكتات تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارزۇسى ئىزچىل ئەمەلگە ئاشمىغانىدى.
باش باھار كەلگەندىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بۇ يىللىق كۆكتات تېرىش پىلانىنى مەسلىھەتلىشىپ، كۆكتات تېرىشنى خالايدىغان ئاھالىلەرنى «كۆكتات سېۋىتى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تېخىكلارنى كۆكتات لاپاسلىرىغا كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تېرىقچىلىق تېخنىكىلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ھەم ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى جۇ يۈنۋېي مۇنداق دېدى: «ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا، بىز كەسپىي خادىملارنى ئاھالىلەرگە كۆكتات تېرىش- باشقۇرۇش تېخنىكىسى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق، ئاھالىلەرنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.» (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن دېڭ لياڭ، شى چىنخۇا تەمىنلىگەن)