تىيانشان تورى خەۋىرى: «ياخشىمۇسىز، نېمە تاماق يەيسىز؟ بىزنىڭ ئاشخانىدا لەڭمەن، دىڭدىڭ سومەن، خوگو، توخو قورۇمىسى، پولو قاتارلىق تاماقلار بار، بەك ئوخشايدۇ.»
«بۇ بەش مېھماننىڭ ئىككىسىگە گۈيرۇ لەڭمەن، بىرىگە ئۆي لەڭمىنى، ئىككىسىگە دىڭدىڭ سومەن، چۆپنى ئىنچىكىرەك تارتىڭ!»
ئۈرۈمچى تامۇژنىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى ياقائېرىق بازىرى چاقچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت بىر كىچىك ئاشخانا ئاچقان ئىدى، ئاشخانا ئېچىلغاندىن كىيىن، كۈندە بۇ يەرگە تاماق يېگىلى كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئاشخانىنىڭ كۈندىلىك كىرىمى 200 يۈەندىن ئاشتى.
«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە كۆپتىن كۆپ رەھمەت، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت <ئىككى كومىتېت>ىنىڭ ياردەم قىلىپ قوللىغىنىغا رەھمەت، بىزنىڭ كىرىمىمىز ئاشتى، باي بولۇش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى» دېدى نۇرمەمەت.
«ياشلىقتا كۈرەش قىلىش كېرەك، كۈرەش قىلىش كەسىپ ۋە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى، نۇرمەمەتنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، بىزمۇ خۇشال بولدۇق. بۇنىڭدىن كىيىن، خىزمەت ئەترىتىمىز داۋاملىق كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرىمىز، يەنە ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ياردەمگە موھتاج ھەربىر كىشىگە ياردەم بېرىپ، تىرىشىپ ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى قىلىمىز» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ جىچياڭ. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن خۇرشىدە تەمىنلىگەن)