تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۈنشياڭ): ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2019-يىلى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كەڭ بەلباغلىق تور ھەققىنى يەنە %15، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارى ئوتتۇرىچە ھەققىنى يەنە %20تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىمىز، پۈتۈن مەملىكەتتە «نومۇر ئۆزگەرتمەي تور ئالماشتۇرۇش»نى يولغا قويۇپ، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت تەسىس قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەقنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىپ، ئىستېمالچىلارغا ئېنىق ھېس قىلدۇرىمىز.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ خېڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز كۈندە دېگۈدەك يان تېلېفوندا تورغا چىقىمىز، ھەر ئايدا ئىشلىتىدىغان تور ئېقىم مىقدارى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، تور سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىش بىزگە نىسبەتەن بىر خۇش خەۋەر بولدى.»
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ ۋېنبو «نومۇر ئۆزگەرتمەي تور ئالماشتۇرۇش»قا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «نومۇر ئۆزگەرتمەي تور ئالماشتۇرۇش، تېلېفون نومۇرنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدىمۇ تورنى ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسى تورىنىڭ خالىغان بىرىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مېنىڭ ھازىرقى نومۇرنى ئىشلىتىۋاتقىنىمغا ئۇزۇن يىل بولدى، ئىلگىرى يەنە بىر تىجارەت كارخانىسىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىگە ئالماشتۇرغۇم بولسىمۇ، ئەمما يان تېلېفون نومۇرى ئالماشتۇرۇشنىڭ ماڭا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، بۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن ئىدىم. بۇنىڭدىن كېيىن، نومۇر ئۆزگەرتمەي تور ئالماشتۇرۇش ئىشقا ئاشسا، قايسى تىجارەت كارخانىسىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنىڭ ئېتىبارى كۆپ بولسا شۇنى تاللايمەن.»
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايون تور سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان، 2018-يىلى 12-ئايدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ كۆچمە تور ئېقىم ھەققى سەۋىيەسى ھەر گېگابايت 12.1 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.9 تۆۋەنلىگەن، ئالاقە تورى كەڭ بەلباغقا ئۇلىنىش ھەققى سەۋىيەسى ھەر بىر ئائىلىنىڭ 39.1 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 تۆۋەنلىگەن.