تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئالدىنقى ئىككى ئايدا ئاپتوموبىل بازىرىدا %9.8 تۆۋەنلەش كۆرۈلدى

  خەلق تورى خەۋىرى: 2-ئايدا مەملىكىتىمىزدە تار مەنىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 1 مىليون 169 مىڭ 751 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.0 تۆۋەنلىدى. 1-ۋە 2-ئاينى يىغىنچاقلىغاندا، مەملىكىتىمىزدە تار مەنىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ جەمئىي سېتىلىش مىقدارى 3 مىليون 332 مىڭ 911 غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 تۆۋەنلىدى. مەملىكەتلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىل بازىرى ئۇچۇر بىرلەشمە يىغىنىنىڭ باش كاتىپى سۈي دۇڭشۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاغانلىق ئېففېكت 2-ئايلىق ئاپتوموبىل بازىرىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى تۈپ سانمۇ يىل بېشىدىكى ئاپتوموبىل بازىرىدىكى ئېشىشنى چەكلەپ قويغان.

    لېكىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاپتوموبىل كەسپى مىللىي تۈۋرۈك كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىم، پۈتكۈل ئىقتىسادىي ئايلىنىشقا قارىتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. نوپۇس پايدىسى ۋە سىياسەت تۈرتكىسىدىن ئىبارەت قوش تەسىر ئاستىدا، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ يەنىلا زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بار.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى