تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋاڭ خۇنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

ۋاڭ خۇنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى    ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى    مۇ خۇڭ يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

       شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، سۈي يۈنيەن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇ خۇڭ، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن پېييەن ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى.

  يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن بولدى، ۋەكىللەر بەس-بەستە سۆز قىلدى. شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، پەرھات روزى، نىياز ھاشىم، چېن لياڭ، سۈي جيۇشيۇ، قۇربان نىياز، رۇقىيەم مەتسەيدى، رىيزا باغدۆۋلېت، مىن شياۋچىڭ قاتارلىق ۋەكىللەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى مۇستەھكەملەش، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر بايان قىلدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇردى، ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر مۇزاكىرىلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى. ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمەن. شىنجاڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، غانىبات سابۇكەي قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى