چوڭ ياشلىق ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، چوڭ ياشلىق ئاياللار ئوڭايلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ھەرىكەت، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ياخشىلاش سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسلىق تەدبىر. ياپونىيە شەنۋاڭ داۋالاش مەركىزى ئاياللار داۋالاش مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى تەيتيەن بومىڭ كۆپچىلىكنى تاپاننى يەرگە ئۇرۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى دائىم ئىشلەپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا سۆڭەكنى كۈچەيتكىلى بولىدىكەن.
كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: ئىككى پۇتنى جۈپلەپ تىك تۇرىمىز، ئىككى قول بىلەن ئورۇندۇقنى تۇتۇۋالساق بولىدۇ، تاپاننى كۆتۈرۈپ، پۇتنىڭ ئۇچى بىلەن تىرەپ تۇرۇپ، تاپاننى «توك»كىدە يەرگە چۈشۈرىمىز. بۇ ھەرىكەتنى ھەر ئىككى سېكۇنتتا بىر قېتىمدىن 50 قېتىم داۋاملاشتۇرىمىز. تاپاننى يەرگە ئۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق، سۆڭەكتە بەلگىلىك زەربە پەيدا قىلىنىدۇ، «بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە يېقىن ئېغىرلىق سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، سۆڭەكنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىدۇ» دېدى پروفېسسور تەيتيەن بومىڭ.
ئەمەلىيەتتە، سۆڭەك شالاڭلىشىش چوڭ ياشلىق ئاياللارغىلا مەركەزلەشكەن ئەمەس. نۆۋەتتە، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق تۇرمۇش ئادىتى كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۆڭەك ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوتتۇرا ياش ۋە چوڭ ياشلىق ئەرلەرنىڭ سانىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. شۇڭا، قېرى- ياش ۋە ئەر- ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر ۋاقىت ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.