تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە زامانىۋى كۆكتاتچىلىق كەسىپلىرى باغچىسى قۇرۇلۇشى باشلاندى

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ باغچى يېزىسىدىكى زامانىۋى كۆكتاتچىلىق كەسىپلىرى باغچىسى تۈرى نەق مەيدانىدا، بىر نەچچە چوڭ تىپتىكى ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىسى قۇرۇلۇش ئېلىپ بارماقتا.

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شى فېڭسېن، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ گۇاڭشۆ): 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى زامانىۋى كۆكتاتچىلىق كەسىپلىرى باغچىسى 1-قارار قۇرۇلۇشى باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بۇ يىل ئاخىرىدا تاماملىنىشى مۆلچەرلەندى، شۇ چاغدا، باغچە رايونىدا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلار شىنجاڭ ئىچىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشىغا تەمىنلىنىشتىن باشقا، يەنە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، يەرلىكتىكى تەخمىنەن 2000 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

    يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى زامانىۋى كۆكتاتچىلىق كەسىپلىرى باغچىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى بولۇپ، باغچە رايونى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان، بۇ باغچە رايونى ئۆلكە يولى 214-لىنىيەسىنىڭ ئىككى ياقىسىدا بولۇپ، يىرىك پىلان دائىرىسى باغچى يېزىسى يۇقارقى سىرىلما كەنتى ۋە سىرىلما كەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەر كۆلىمى 4710 مو بولۇپ، قۇرۇلۇش پىلانىغا ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد 50 مىليون يۈەن بولدى.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى