تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى 17 يولغا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تۈزەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدۇ

    مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي خەۋىرى: بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىمارەتلەرگە ئىسسىق ساقلاپ ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ئاساسىدىكى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، 17 يولنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدۇ، بۇ جەمئىي 37 كىلومېتىر بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، تېخىمۇ گۈزەل شەھەر مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بۇ قېتىم دەرىجىسنى ئۆستۈرۈپ تۈزەش ئېلىپ بېرىلىدىغان يوللار ئاساسلىقى تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونى (يېڭى شەھەر رايونى)، شىمىگۇ رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋە مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

  بۇلار كونكرېت تۆۋەندىكى دائىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شوربۇلاق كوچىسى، شوربۇلاق 3-كوچىسى، ئالتاي يولى، باۋشەن يولى، نەنچاڭ يولى، گۇچۇڭ يولى، قومۇل يولى، جەنۇبىي لىيۈشەن يولى، شىمالىي لىيۈشەن يولى، شەرقىي خېنەن يولى، غەربىي خېنەن يولى، جەنۇبىي ئەنجۈ يولى، جەنۇبىي چىداۋان يولى، شەرقىي ئارشاڭ يولى، شەرقىي خۇڭسەن يولى، يەنخې يولى، گۇمۇدى يولىدىن ئىبارەت.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ تۈزەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىغان كوچىلاردا ئىمارەتلەرگە ئىسسىق ساقلاپ ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا، ئىستولبا لىنىيەلىرىنى يەر ئاستىغا كۆمۈش، ئىمارەتلەرنىڭ سىرتقى تىك يۈزىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزگەرتىپ يېشىللاشتۇرۇش، يورۇتۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  پۈتۈن قۇرۇلۇش تۈر لايىھەسى ۋە ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش، يولغا قويۇش، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق ئۈچ باسقۇچ بويىچە قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى(مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قۇرۇلۇش 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن تاماملىنىش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، «شەھەرنى چوڭ تۈزەش» بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا شەھەر قىياپىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر ئوبرازى ۋە سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىمارەتلەرگە ئىسسىق ساقلاپ ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ئاساسىدىكى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تۈزەش قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، 90 كوچىغا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان. 2018-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، 2332 كورپۇس ئىمارەتنىڭ سىرتقى تىك يۈزىگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاشقى ئايلانما يولى، قاراماي جەنۇبىي يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، شىخۇڭ يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، ئۈچتاش كۆتۈرمە كۆۋرۈكى قاتارلىق تۆت يولنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئۆگزىسىگە قارىتا تەكشى ئۆگزىلەرنى پۈتۈنلەي قىيپاش ئۆگزىلەرگە ياكى قىيپاش لەمپە گىرۋىكىلىق ئۆگزىلەرگە ئۆزگەرتىپ گۈزەللەشتۈرگەن.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى