تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«بىر دۇكاندىن ئىككى خىل پايدىلىنىپ» كىرىمنى ئاشۇرۇش

  3-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە، شايار ناھىيەسى يېڭىمەھەللە بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا تارقىتىلغان نامرات ئاھالىلىك قۇربان رازاقنىڭ كەنتتىكى نامراتلارنى يۆلەش بازىرىدا ئاچقان ساتىراچخانىسى بىر قانچە خېرىدارنى كۈتۈۋالدى.

  قۇرباننىڭ ساتىراشخانىسى بىر ئادەمنىڭ چېچىنى 10 يۈەنگە ياسايدىغان بولۇپ، بازاردىكى ساتىراچخانىلارغا قارىغاندا خېلىلا ئەرزان ئىدى. يەنە كېلىپ قۇربان ھۈنەرگە پىشقان بولغاچقا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بۇ يەرگە كېلىپ چېچىنى ياسىتىشنى خالايتتى .

  قۇرباننىڭ ئائىلىسىدە تۆت جان بولۇپ، تۇرمۇشى بىر قەدەر قېيىن ئىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، قۇرباننىڭ ساتىراشلىقتىن خەۋرى بارلىقىنى بىلدى، يېڭىمەھەللە كەنتى نامراتلارنى يۆلەش بازىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى قۇربانغا بىر دۇكان ئۇقۇشۇپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن، قۇرباننىڭ ساتىراچخانىسى ناھايىتى تېزلا تىجارەت باشلىدى.

  خىزمەت ئەترىتى يەنە ئۈندىدار، QQ قاتارلىق تور يوللىرىدا قۇرباننىڭ ساتىراچخانىسىنى تەشۋىق قىلىپ، خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى. «باھا ئەۋزەللىكى» ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ساتىراچخانىنىڭ سودىسى بارغانسىرى ياخشى بولدى.

  خىزمەت ئەترىتى قۇرباننىڭ ساتىراچخانىسىدا چاچ ياساش رايونىنىڭ پەقەت بىر بۆلەك بوشلۇقنى ئىگەللىگەنلىكىنى، قالغان بوشلۇققا يەنە ئىككى قاتار مال جاھازىسى قويۇپ، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى سېتىشقا بولىدىغانلىقىنى ، بۇنداق قىلغاندا چەكلىك بوشلۇقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، كىرىمنى بىر ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  «كۈندە ساتىراچلىقتىن قىلغان كىرىمىم 100 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئىككى قاتار مال جاھازىسىدىنمۇ كۈندە 150 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن. ھازىر مەن ئايدا 6000 كىرىم قىلىمەن. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، خىزمەت ئۆمىكىنىڭ ياردىمىگە رەھمەت، مېنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئىشەنچىم ئاشتى» دېدى قۇربان .

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى