تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

لوپ ناھىيەسىدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا مۇلازىمەت قىلىش كىچىك تارماق ئەترىتى ئېتىزلاردا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچ قوشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: باھار قەدىمى بارغانسېرى يېقىنلاشتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزىلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش باسقۇچىغا كىردى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى، لوپ ناھىيەلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ چارباغ يېزىسى قۇچاق ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى بىرلىكتە مۇلازىمەت كىچىك تارماق ئەترىتى تەشكىللەپ، ئېتىزلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن دېھقانلارنى «پەن-تېخنىكا ئېتىزى» تېرىقچىلىقىغا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئۇدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى 3 مەيدان قېتىم قانات يايدۇردى، تەربىيەلىگەن كەنت ئاھالىسى 372 ئادەم قېتىم بولدى. تەربىيەلەش جەريانىدا، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى سورت تاللاش، ئۇرۇق سېلىش، ئوغۇت تاللاش، قوشۇمچە ئوغۇتلاش قاتارلىق ھەر جەھەتلەردە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى، يەنە كەنتتىكى بۇ بىرقانچە يىلدا يۇقىرى ھوسۇل ئېلىپ كەلگەن دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق تەجرىبىسىنى ئورتاقلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا مۇلازىمەت قىلىش كىچىك تارماق ئەترىتى يەنە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېتىزلاردا ئەمگەك قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قانداق تېرىش، ئوغۇتلاش بويىچە يېتەكچىلىك قىلدى. قولمۇقول ئەمەلىي ئۆگىتىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى