تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

بۈگۈر ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا خىمىيەۋى ئوغۇت تارقىتىپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياردەم بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ خۇييۇڭ، لى يۈنيۈن): 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەلىك زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ يېڭىسار بازىرى تالابۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قىيىنچىلىقى بار 63 ئاممىغا 6.5 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت تارقىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىگە ياردەم بەردى.

  «كۆپچىلىك ئوغۇتلاش جەريانىدا چوقۇم بۇلتۇرقى ئوغۇتلاش ئەھۋالىغا ئاساسەن كونترول قىلىڭلار، ئوغۇتلاش مىقدارى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولۇشى ناتايىن، جايىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.» خىمىيەۋى ئوغۇت تارقىتىۋاتقان مەيداندا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يېڭىسار بازىرىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىنى نەق مەيداندا خىمىيەۋى ئوغۇت ئالغان دېھقانلارغا سۇ ۋە ئوغۇتنى كونترول قىلىش مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەھسۇلات ۋە كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ياردەم قىلدى.

  «پارتىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بىزگە خىمىيەۋى ئوغۇت تارقىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت. مەن چوقۇم يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، كىرىمنى سىجىل ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىمەن.» دېدى تالابۇلاق كەنتى ئاھالىسى ئىمىن ياسىن ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىگە قارىتا ئىشەنچكە تولغان ھالدا.

  تالابۇلاق كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى نيۇ يۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ھەقسىز خىمىيەۋى ئوغۇت تارقاتقاندىن باشقا، كېيىنكى قەدەمدە، بىز يەنە يېزا دېھقانچىلىق تېخنىكىسى كەسپىي خادىملىرىدىن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ پۇختا قەدەمدە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى