تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تاغلىق كەنتىدىكى دېھقانلار ساياھەتچىلىككە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: مەشتە ئوت كۈچلۈك يالقۇنجاپ، قازاندىن پاراس-پۇرۇس ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئازادە، يورۇق ئاشخانىدا غوجامنىياز ساۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى. كۆكتاتلار يۇيۇلۇپ، گۆشلەر توغرىلىپ، قورۇلغان سەيلەر تەخسىلەرگە ئۇسۇلۇپ، ھورى چىقىپ تۇرغان ئۆزگىچە تائاملار بىردەمدىلا راسلاندى، بۇلارنىڭ مەززىلىك پۇرىقى دىماغلارغا ئۇرۇلاتتى.

  ئاشخانا سىرتىدا بولسا، ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن نەچچە ئون ساياھەتچى ھويلىدا ئارام ئالغاچ، ئۆي ئىگىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان ئېسىل تائاملىرىنى ساقلاۋاتاتتى.

  بۇ جاي شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى بوزدۆڭ يېزىسىنىڭ شۆيۈەن كەنتى بولۇپ، داڭلىق تۆمۈر چوققا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بىلەن قوشنا. يەرلىك دېھقان غوجامنىياز ئىككى يىل ئىلگىرى تېخى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى، كەنتتىكى باشقا دېھقانلارغا ئوخشاش، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ، ئات ھارۋىسىدا سەيلە قىلىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئويۇنى قاتارلىق بىر يۈرۈش ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت تۈرىنى ئېچىش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە باياشات تۇرمۇش كەچۈردى.

  باش باھار مەزگىلىدە، ھاۋا بەزىدە ئىسسىپ، بەزىدە سوۋۇپ تۇراتتى. تۆمۈر چوققا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن بولۇپ، قىزغىنلىقى يۇقىرى ئىدى. 50 ياشلاردىكى شۆيۈەن كەنتى ئاھالىسى كامىل ئابدۇرېھىم ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، ئۆيىدىكى ئاتنى يېتىلەپ ساياھەتچىلەرنى مەنزىرە رايونىغا ئاپىرىپ سەيلى قىلدۇراۋاتقان بولۇپ، قەدەملىرى يېنىك، كەيپىيات خۇشال ئىدى.

    2018-يىلىدىن باشلاپ، كامىلنىڭ يېڭى تىجارىتى باشلىنىپ كەتتى، ئۇ ئۆيىدىكى ئىككى ئاتقا تايىنىپ ساياھەت رايونىدا ساياھەتچىلەرگە ئات مىنىپ سەيلە قىلىش مۇلازىمىتى تەمىنلىدى. «ساياھەتنىڭ بېسىق مەزگىلىدە بىر ئات بىلەن بىر كۈندە بەش، ئالتە يۈز يۈەن تاپقىلى بولىدۇ» دېدى ئۇ.

  تاغدا بولساڭ تاغقا يۆلەن، سۇدا بولساڭ سۇغا. ئەۋزەل ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، شۆيۈەن كەنتىگە كەينى-كەينىدىن 50تىن ئارتۇق دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە %90ى نامرات ئائىلىلەر ئىدى. ساياھەتچىلىكتىن كەلگەن ئاۋاتلىقتا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدىكى «يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات»لار ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ كەتتى، ساياھەتچىلەر تاغ توخۇسى، ئوتلاق قويى، يەرلىك كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يېشىل يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بەس-بەستە تالىشىپ سېتىۋالىدىغان بولدى.

  «2018-يىلى، شۆيۈەن كەنتىگە كېلىپ ساياھەت ئىستېمالى قىلغان ساياھەتچىلەر سانى 5000دىن ئارتۇق بولۇپ، مۇشۇ بىر تۈرلا، كەنت ئاھالىلىرىگە 550 مىڭ يۈەن كىرىم ئېلىپ كەلدى.» شۆيۈەن كەنتنىڭ 1-شۇجىسى جۇ شۇرۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەنزىرە رايونىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يىل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

  تۆمۈر چوققا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا مۇزلۇق، قارلىق تاغ، چارۋىچىلىق مەيدانى، ئارىشاڭ، جىرا سۇلىرى قاتارلىق كۆپ خىل تەبىئىي بايلىقلار بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر بۇ  يەردە ئېكسكۇرسىيە ۋە ساياھەتتە بولىدۇ.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى