تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قان بېسىمىڭىز چۈشمىسە سۆڭەكتىكى قوغۇشۇننى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ

  ئەگەر سىز ئىزچىل كۆپ خىل قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىلىرىنى يەپ كەلگەن بولسىڭىزمۇ، قان بېسىمىڭىز ئىزچىل چۈشمىسە، ئۇنداقتا سۆڭەكتىكى قوغۇشۇن سەۋىيەسىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ. ئامېرىكا مىچگان داشۆسىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئەگەر بىر كىشىنىڭ پاقالچاق سۆڭىكى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارى يۇقىرىراق بولسا، قان بېسىمى دورىسىنىڭ ئۈنۈمى چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىنكەن.

  تەتقىقاتتا، مىچگان داشۆسىنىڭ دوتسېنتى پاك كوللېكتىپقا يېتەكچىلىك قىلىپ، بوستوندىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر مەركىزىدە، 475 نەپەر يۇقىرى قان بېسىمى بىمارىنىڭ قان ۋە پاقالچاق سۆڭىكى، تىز سۆڭىكى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن سەۋىيەسىنى تەكشۈرگەن. تەتقىقاتچىلار ئۈچ، تۆت خىل، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىسى ئىچىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرىدىغان بىمارلارنى داۋالاشقا تاقابىل تۇرۇشچان يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى دەپ ئاتىغان. ياش، ئىرق، تاماكا چېكىش قاتارلىق ئامىللارنى تەڭشەش ۋە چىقىرىپ تاشلاشتىن كېيىن، ئۇلار پاقالچاق سۆڭىكى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارى ھەر 15 مىللىگىرام ئاشقاندا، داۋالاشقا تاقابىل تۇرۇشچان يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ %19 ئاشىدىغانلىقىنى بايقىغان. پاكنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتىكى قان تەكشۈرۈشتە بەزىدە قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئۆرلىشىنى بايقاش قىيىن بولىدىكەن، لېكىن پاقالچاق سۆڭىكى سىنىقى نىسبەتەن تېخىمۇ سەزگۈر بولغان. بۇ قېتىملىق تەتقىقاتتا پاقالچاق سۆڭىكى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارى يىغىندىسى بەلكىم داۋالىنىشقا تاقابىل تۇرۇشچان يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ خەۋپ ئامىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلانغان.

  كۆپلىگەن دۆلەتلەردە قوغۇشۇن چەكلەشكە دائىر قانۇن يولغا قويۇلغىلى كۆپ يىل بولدى، لېكىن چوقۇم ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، قوغۇشۇن يەنىلا بىز تۇرۇۋاتقان مۇھىتتا مەۋجۇت بولغان بىر خىل زەھەر، مەسىلەن، بىر قىسىم كونا شەھەرلەردىكى كونىراپ كەتكەن ئۇل ئەسلىھەلەر، كونىراپ كەتكەن سۇ تۇرۇبىلىرى قاتارلىق ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە قوغۇشۇن بار. پاك مۇنداق تەكىتلىدى، بۇ جەمئىيەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىشقا تېگىشلىك چوڭ مەسىلە. ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى، ئەگەر ئۈچ خىلدىن ئارتۇق دورا ئىچكەن تۇرۇپمۇ، قان بېسىمى كونترول قىلىنمىسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ سۆڭەكتىكى قوغۇشۇننى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى