ھازىر، بازارلاردا چاچ ئاسراش مەھسۇلاتلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشنىڭ چاچ ئاسراشتا بەلگىلىك رولى بارلىقىنى بىلىدۇ.
تۇخۇم. چاچنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاقسىل. تۇخۇمدا مول ئاقسىل، يەنە زور مىقداردا بىيوتىن بار. بۇ بىيوتىنلار چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، تۇخۇم سېرىقىدا بىر خىل «چاچ ئۆستۈرۈشنى غىدىقلىغۇچى ماددا» بولۇپ، تۈك ھۈجەيرىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدىكەن.
سەۋزە. سەۋزە باش تېرىنىڭ بىر خىل تەبىئىي تېرە يېغى ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چاچ يىلتىزىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلىيالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، سەۋزىدە يەنە مول كاروتېن بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىنA غا ئايلىنالايدۇ، بۇ ئوزۇقلۇق ماددا باش تېرىنىڭ قۇرغاق بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ياخشىلايدۇ.
ياڭاق. قۇياش نۇرى چېچىمىزنى قۇرغاق ھەم يىرىك قىلىپ قويىدۇ، ياڭاقتىكى مول ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسى ۋە ۋېتامىن E قۇياش نۇرى چاچقا ئېلىپ كەلگەن زەخمىنى يېنىكلىتەلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردىكى مول مىس ئېلېمېنتى يەنە سىزنىڭ ساغلام، تەبىئىي چاچ رەڭگىنى ساقلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.
گەنجۈ تۈرىدىكى مېۋىلەر. چېڭزى، جۈزە قاتارلىق گەنجۈ تۈرىدىكى مېۋىلەردە مول ۋىتامىن C بولۇپ، چاچ ئۇچىنىڭ يېرىلىپ كېتىشى، چاچنىڭ يىرىك بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار. بۇ تۈردىكى مېۋىلەر يەنە چاچ خالتىسى ئەتراپىدىكى قىل قان تومۇرلارنى غىدىقلاپ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.