«بىز 48 كىچىك لاپاسنى چوقۇم ئىمكانقەدەر تېز قۇرۇپ، لازا مايسىلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى.» 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ھاۋا ئوچۇق ئىدى، كەلپىن ناھىيەسى ئاچال بازىرى قالما كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت مۇلازىمەت مەركىزى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، كەلپىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، پارتىيە مەكتەپ، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالار، كەنت «ئىككى كومىتېتى» بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، كىچىك لاپاستا تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئائىلىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ بۇ يىللىق كىچىك لاپاس قۇرۇش پىلانىنى مەسلىھەتلەشتى.
بۇلتۇر، قالما كەنتى كىچىك لاپاس ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى، كىچىك لاپاستا تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئائىلىلەر كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىدى. «كىچىك لاپاستا كۆكتات تېرىساق، ئۆزىمىز تېرىغان يېڭى كۆكتاتلارنى يەپ،كۆكتات سېتىۋالىدىغان پۇلنى تېجەپلا قالماي، يەنە تېخى قالغىنىنى سېتىپ، ئائىلە خىراجىتى قىلساقمۇ بولىدىكەن» دېدى كەنت ئاھالىسى رېھىم.
«بىز 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا كىچىك لاپاسلاردا مايسا يېتىشتۈرۈش ۋە تىكىش خىزمەتلىرىنى تاماملايمىز، مۆلچەر بويىچە بۇ يىل كىچىك لاپاستا تېرىقچىلىق قىلىش ئارقىلىق، ھەر بىر ئائىلىنىڭ كىرىمى 300-500 يۈەنگىچە كۆپىيىدۇ» دېدى 1-شۇجى ئەھەت ئامان. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن خۇ پىڭپىڭ، ۋاڭ شىڭخۇ تەمىنلىگەن)
ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.