تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

كەنتىمىزدە بىزنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ئاكىمىز بار

  مۇتەللىپ مەتقۇربان باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا كالىلارغا يەم بەرمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: كالىلارغا ۋاقتىدا، ئىلمىي تۈردە بوغۇز بېرىش كېرەك، بىخۇدلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.

  ياش دېھقان، قۇرۇلۇش ئىشچىسى، يۈك تىرانسپورت شوپۇرى، نامرات ئائىلە، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش باشلامچىسى، كەنتتىكى رىغبەتلەندۈرىدىغان ئاكا ...... بۇ كەچۈرمىشلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى مۇجەسسەملىسەك، مۇتەللىپ مەتقۇرباننىڭ كىشىلەرگە ئىلھام بولىدىغان ھېكايىسى ھازىر بولىدۇ.

   بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن مۇتەللىپ مەتقۇربان قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى مىشا بازىرى ئارالقۇلغان كەنتىدىن بولۇپ، دەسلەپكى يىللاردا ئۇ يەر تېرىدى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەمچىلىكمۇ قىلدى، باشقىلارنىڭ يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپمۇ بەردى، ئەمما، ئۆيىنىڭ شارائىتى يەنىلا ياخشىلانمىدى. 2016-يىلى، ئۇ بىر ئىرادىگە كېلىپ، سىيىر باقمىچىلىقى بىەلن شۇغۇللاندى، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلانغان ۋاقىتتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن نامرات ئائىلىلەر تىزىملىكىدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلدى.

  2018-يىلدىن باشلاپ، مۇتەللىپ مەتقۇربان ئىلگرى - كېيىن بولۇپ كەنتتىكى 63 نامرات ئائىلىلىنى يېتەكلەپ، ئىككى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا كەنتتىكىلەرنىڭ نەزەرىدە كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ياخشى ئوبراز تىكلىدى.

  مۇتەللىپ مەتقۇربان كالىلارنىڭ ئەت ئېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  مۇتەللىپ مەتقۇربان موزايلارنى ئەركىلەتمەكتە.

  مۇتەللىپ مەتقۇربان كالىنىڭ يۇڭىنى تارىماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: كالىنىڭ يۇڭىنى تارىغاندا كالا راھەتلىنىدۇ ھەم ياقتۇرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.

  مۇتەللىپ مەتقۇربان كالىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى خاتىرىلىمەكتە. بۇ باقمىچىلىقتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا بولۇپ، ياخشى ئەي بولمىغان كالىلار شاللىنىپ، قوتاندىن چىقىش ئۆلچىمىگە يەتكەن كالىلار ۋاقتىدا سېتىلىدۇ.

  مۇتەللىپ مەتقۇربان بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش قىلىشىغا ھەمراھ بولماقتا. ئۇ قىزىنى چوڭ بولغاندا شاڭخەي، بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

  مۇتەللىپ مەتقۇربان بالىلىرىنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ھەمراھ بولغاندا ئوغلىنىڭ تاپشۇرۇقنى ياخشى ئىشلىگەنلىكىنى ماختىدى.

  بەختكە چۆمگەن بىر ئائىلە.

  بىر سىيىر موزايلىرى بىلەن كەنت ئەتراپىدىكى كېۋەزلىكتە يايلىماقتا. مۇتەللىپ مەتقۇربان مۇنداق دېدى: بۇنداق بولغاندا بىر قىسىم يەم - خەشەك تەننەرخىنى تېجەپلا قالماي، كالىلارنى ھەرىكەت قىلغۇزۇپ پەيلىرىنى چىڭىتقىلىمۇ بولىدۇ.

  سىيىرلار كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىنكى يەرلەردە ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە. مۇتەللىپ مەتقۇربان مۇنداق دېدى: كەنتىمىز سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ، سۈت كالىسى بېقىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

  مۇتەللىپ مەتقۇربان باقمىچىلىق كوپىراتىپىدىكى ئەزالار، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى رەھبەرلىرىگە باقمىچىلىق، تىجارەت ئەھۋالى، شۇنىڭدەك كېيىنكى قەدەمدىكى پىلاننى دوكلات قىلماقتا.

  ئەسلى ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى