تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى نەتىجىسى ناچار بولسا...

  بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى نەتىجىسىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشى، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئوقۇش تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا مىسسۇرى داشۆسى كولۇمبىيە تارماق مەكتىپىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپتە دەرسخانىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان تەڭ ياشتىكى بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشىدىغان بولۇپ، ھېسسىي جەھەتتىن ئۆزىنى تېخىمۇ بىخەتەر ھېس قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆگىنىشتە قىينىلىدىغان بالىلار ئوڭايلا تەشۋىشلىنىپ مەيۈسلىنىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار 380 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1-يىللىقتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشى يۇقىرى يىللىقتا ئالقىشقا ئېرىشىش دەرىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ يەكۈن كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى كۆز قارىشىغا جەڭ ئېلان قىلدى، يەنى ئۆگىنىشتە تەبىئىي تالانتى بار بالىلار ئادەتتە باشقا ئوقۇغۇچىلاردەك ئالقىشقا ئېرىشىپ كېتەلمەيدۇ دەپ قارىلاتتى، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى، ئوقۇشتىكى ئىپادىسى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى ۋە خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  مىسسۇرى داشۆسى مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى كېيس خېرمان مۇنداق دېدى: نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆگىنىشى ناچار بالىلاردا مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى ۋە يارىماسلىق تۇيغۇسى بەكرەك بار بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا مەيۈسلۈك پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بۇ يەكۈندىن پايدىلىنىپ، ئامال تېپىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئالاقە جەھەتتىكى بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم قىلىپ، ئۇزاققا سوزۇلغان پاسسىپ تەسىر پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  كېيس خېرمان مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار، ساۋاقداشلار ئارا مۇناسىۋەتتە مەسىلە كۆرۈلگەن بالىلارغا باھا بېرىشتە ئېھتىياتچان بولۇشى، ئۇلارنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆپرەك قېزىپ، ئىلھام بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، بەزى بالىلارنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى ياخشى بولمىغان بىلەن، رەسىم سىزىشقا ئۇستا بولىدۇ. ئەگەر بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىڭ ئېتىبارغا ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلالىسا، ئۆز قىممىتىگە تېخىمۇ ئاكتىپ قاراشتا بولىدۇ.

  ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى