قارا باش ئۇقارلار خەينەن شىنيىڭ قىزىل دەرەخ ئورمىنى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلماقتا. (3-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: باش باھار مەزگىلىدە، كۆپلىگەن قارا باش ئۇقارلار خەينەننىڭ دەنجوۋ شەھىرى گۇاڭسۈن بازىرىغا جايلاشقان خەينەن شىنيىڭ قىزىل دەرەخ ئورمىنى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ۋە لىنگاۋ ناھىيەسى شىنيىڭ بازىرىدىكى قىزىل دەرەخ ئورمىنىدا پەرۋاز قىلىپ ئويناشتى. خەينەن ئۆلكىلىك ھايۋانات ئىلمىي جەمئىيىتى قۇشلارنى كۆزىتىش كەسپىي كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى خەينەندە 102 قارا باش ئۇقار كۆزىتىپ خاتىرىلەنگەن، بۇ 2003-يىلى قىشتىن ئۆتىدىغان سۇ قۇشلىرىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيانقى خاتىرىلەنگەن سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىقى ھېسابلىنىدىكەن.
3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈچ قارا باش ئۇقار خەينەننىڭ لىنگاۋ ناھىيەسى شىنيىڭ بازىرىدىكى بىر قىزىل دەرەخ ئورمىنىدا ئويناشماقتا.
ئىككى قارا باش ئۇقار خەينەن شىنيىڭ قىزىل دەرەخ ئورمىنى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى ساھىلدا ئۇچماقتا. (3-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
ئۈچ قارا باش ئۇقار خەينەن شىنيىڭ قىزىل دەرەخ ئورمىنى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى ساھىلدا ئارام ئالماقتا. (3-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
قارا باش ئۇقارلار خەينەن شىنيىڭ قىزىل دەرەخ ئورمىنى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى ساھىلدا ئارام ئالماقتا. (3-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
3-ئاينىڭ 7-كۈنى، بىر قارا باش ئۇقار خەينەننىڭ لىنگاۋ ناھىيەسى شىنيىڭ بازىرىدىكى بىر قىزىل دەرەخ ئورمىنىدا ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.