شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 3-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان TYR كەسپىي سۇ ئۈزۈش يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسى دېسموئىن بېكىتى ئاياللار 1500 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 16 ياشلىق جۇڭگو ماھىرى ۋاڭ جيەنجياخې 15 مىنۇت 46 سېكۇنت 69 دەقىقە نەتىجىدە چېمپىيون بولدى، ھەمدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو ماھىرى لى بىڭجيې ساقلاپ كېلىۋاتقان 15 مىنۇت 52 سېكۇنت 87 دەقىقىلىق ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلىدى.
ۋاڭ جيەنجياخېنىڭ بۇ نەتىجىسى مۇشۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە پەسلىدە نۆۋەتتە دۇنيا رەت تەرتىپ تىزىملىكىدە ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان ئامېرىكا ماھىرى لېدېسكىينىڭ 15 مىنۇت 45 سېكۇنت 59 دەقىقىلىق نەتىجىسى بىلەن ئارانلا 1 سېكۇنت پەرقلىنىدۇ. لېدېسكىي 15 مىنۇت 20 سېكۇنت 48 دەقىقىلىق دۇنيا رېكورتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.