تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  «8- مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى

3- ئاينىڭ 8- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. «8- مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئايال ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

     پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چىقىرىلدى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتۇر، يېزا -كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ باش نىشانى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، باش فاڭجېنى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، باش تەلىپى كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇشتىن ئىبارەت، تۈزۈم كاپالىتى بولسا شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى مۇقىم زىممىگە ئېلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىدىن ئىبارەت بۇ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 3- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  «8- مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

  شى جىنپىڭ خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يىغىندا، ۋاڭ شىنۋېي، ۋاڭ دۇجۈەن، تاڭ يۈشياڭ، سۇڭ خۇجېن، لى ليەنچېڭ، گاۋ جيەنجۈن، لى خۇڭشيا، خۇاڭ جيۇشېڭ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات، ئالىي جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ جۇڭگو نام كارتىسىنى بەرپا قىلىش، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دېھقانلارنىڭ سەككىز ئارزۇسى، جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنى يېتىشتۈرۈش، يۇرتداشلارغا ۋە پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر بايان قىلدى. شى جىنپىڭ خېنەننىڭ يېقىنقى يىللاردىكى خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، خېنەندىكى يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خېنەن يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى، شۇنداقلا نوپۇسى كۆپ ئۆلكە. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش خېنەنگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چىقىرىلدى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتۇر، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ باش نىشانى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، باش فاڭجېنى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، باش تەلىپى كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇشتىن ئىبارەت، تۈزۈم كاپالىتى بولسا شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى مۇقىم زىممىگە ئېلىش كېرەك. مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى باش ۋەزىپە. خېنەن يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا ئىگىلىكى، بولۇپمۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەللىكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىشقا قويۇپ، ئاشلىقنى يەر ئارقىلىق ساقلاش، ئاشلىقنى تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك. تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جېنى. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەر قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرگە ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي چەكلەپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى پۇختا ساقلاش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىقتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق رىقابەت ئىقتىدارىنى تۇتۇپ، ئاشلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنات زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى بىلەن زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۈچ يىلدا تۈزەش ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە يېزىلاردا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاينىڭ مۇھىتىنى نازارەت قىلىش - ئۆلچەش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئوغۇتنى تېجەش، دورىنى تېجەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە سۈپەت بەلگىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىدىن ئىبارەت بۇ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش كېرەك. ئالدى بىلەن پىلانلاپ، ئاندىن قۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يەردىن پايدىلىنىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاھالىلەر نۇقتىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، كۆپ خىل بەلگىلىمە بىرلەشتۈرۈلگەن ئەمەلىي قوللىنىشچان كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سېلىنما شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئىلھام بېرىپ، تولۇق دائىرىلىك قاپلانغان، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، شەھەر - يېزا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمىتى تورىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، يېزىلارنىڭ قاتناش - تىرانسپورتى، ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئەشيا ئوبوروتى، كەڭ بەلباغلىق تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك. ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىقىغا ياخشىلىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى رەتكە سېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلار، ئاياللار، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، سەمىمىي پۇقرا ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار، يەر، كاپىتال قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدا قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى ۋە باراۋەر ئالمىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ھۆددە يېرىدە «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىگىلىك باشقۇرۇشنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىككى تۈرلۈك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئۇششاق دېھقانچىلىق ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى قوللاپ، كوللېكتىپ مال - مۈلكىنى تۈرلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقىدا ھوقۇق ۋە فۇنكسىيەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، زورايتىپ، قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى جەزمەن تاماملاشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپە. يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە، سۈپەتلىك ئورۇنداش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. جياڭ چاۋلياڭ، ۋاڭ شياۋدۇڭ، يەن جى قاتارلىق ۋەكىللەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. لى كېچياڭ بۇلتۇر خۇبېينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، خۇبېينىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن خىرىسنى كۈتۈۋېلىپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئادىل، قولاي تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئىسلاھاتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوزغىتىش كېرەك. يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، ئالىي ياسىمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىشلەپ ئەمەلىي تۇتۇپ، ئاممىنى تەرەققىياتتىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. خۇ ۋېيلىن، گۇڭ شۈگۇاڭ، لياۋ رېنۋاڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خۇنەن ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى، خۇنەننىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇنەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بويىچە نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.

  خەن جېڭ بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. سەي چى، چېن جىنىڭ، فېڭ يۆپىڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا نۇرغۇن پايدىلىق شارائىتلار بار، يەنە تېخىمۇ كۆپ خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەن جېڭ بېيجىڭنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بېيجىڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىناق، ياشاشقا باب كېلىدىغان شەھەر قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەھەرنى تۈجۈپىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادەمنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىيلىشىشقا قاتنىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش ئاساسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇشنى دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  خۇ چۈنخۇا، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.