تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  3- ئاينىڭ 7- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۈەنچى فوتوسى)

  ھازىر 2020- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا پەقەت ئىككى يىل ۋاقىت قالدى، بۇ دەل ئەڭ كۈچ سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت، جەزمەن خىزمەتلەرنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلمىغىچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىق كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ تەۋرەنمەسلىك كېرەك. نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بوشاشماسلىق كېرەك. تۈزەش مەسىلىسىدە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاشماسلىق كېرەك. ئىستىلنى ياخشىلاشتا بوشاڭلىق قىلماسلىق كېرەك.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ساقلانغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھادىسىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامما ئىنكاس قىلغان «ساختا شەكىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «ھېسابات شەكلى»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «كۆرسەتكۈچ شەكلى»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «تۇراقسىز شەكىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم ئۇنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش - تاماملىيالماسلىقتىكى ئاچقۇچ ئادەمدە، ئاچقۇچ كادىرلار قوشۇنى ئىستىلىدا. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 3- ئاينىڭ 7- كۈنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يىغىندا تاڭ شياۋمىڭ، ۋاڭ تاۋ، ياڭ يەن، ۋاڭ گاڭ، لياڭ چيەنجۈەن، فۇ كاڭنيەن، دۇڭ سەييۈن، فەن پېڭدىن ئىبارەت سەككىز ۋەكىل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ باشلامچى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، پۇقراۋى پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مەدەنىيەت ماركىسىنى كۈچەيتىش، نامرات رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر بايان قىلدى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ گەنسۇنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىكى خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، گەنسۇدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى قوغداش ۋە تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلقنى بېيىتىپ روناق تاپقۇزۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر 2020- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا پەقەت ئىككى يىل ۋاقىت قالدى، بۇ دەل ئەڭ كۈچ سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت، جەزمەن خىزمەتلەرنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلمىغىچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىق كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ تەۋرەنمەسلىك كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرى قىلدى. مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى جەھەتتە مىسلىسىز بولۇپ، ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. بۇنداق نەتىجىلەر ھەقىقەتەن ئاسان قولغا كەلمىگەن بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىدا يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر، قېپقالغىنىنىڭ ھەممىسى نامراتنىڭ نامرىتى، قىيىننىڭ قىيىنى، ھەممىسى يېڭىش قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانچە جىددىي پەيتكە كەلگەنسېرى، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى شۇنچە چىڭىتىش، بىرلا غەيرەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىرادىسى بولۇش كېرەك، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بوشاشماسلىق كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۆلچىمى دەل نامرات ئاھالىلەرنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلدۇرماسلىق، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلدۇرماسلىق، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىدە كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىدە، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق قىلماسلىق، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر كۆرسەتمەسلىك كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، نىشاننى ئۆزگەرتمەسلىك، نىشان مەركىزىنى چېچىۋەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۈچنى توپلاپ كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، نامرات ئەمەس ناھىيە، نامرات ئەمەس كەنتلەردىكى نامرات ئاھالىلەرنى قوللاشنى زورايتىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈزەش مەسىلىسىدە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ساقلانغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھادىسىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامما ئىنكاس قىلغان «ساختا شەكىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «ھېسابات شەكلى»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «كۆرسەتكۈچ شەكلى»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «تۇراقسىز شەكىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم ئۇنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانچە ئاخىرقى پەيتكە بارغانسېرى شۇنچە داغدۇغىسىنى چىقىرىش، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان، ساختا خىزمەت نەتىجىسى ئويدۇرۇپ چىقىرىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلماسلىق كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بوشاشتۇرماسلىق كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان، ياخشى قىلىدىغان بىر مەيدان قاتتىق جەڭ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر قەتئىي ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، كۈچەپ مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشى، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشى، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشى كېرەك. رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى زور كۆلەمدە يۆلەش ۋەزىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قايتا نامراتلاشقان ئاھالىلەر ۋە يېڭىدىن نامراتلاشقان نامرات ئاھالىلەرنى ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ يۆلەش كېرەك. نامرات ناھىيەلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، دەرھال يايمىنى يىغىشتۇرماسلىقى، يۈكىنى چۆرۈپ تاشلىماسلىقى، ئارام ئېلىۋالماسلىقى، قالغان نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى داۋاملىق تاماملاپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ سىياسەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىستىلنى ياخشىلاشتا بوشاڭلىق قىلماسلىق كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش - تاماملىيالماسلىقتىكى ئاچقۇچ ئادەمدە، ئاچقۇچ كادىرلار قوشۇنى ئىستىلىدا. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ چىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىنكاس قىلىنغان كادىرلار ئىستىلى مەسىلىسىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈم - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلارغا بولغان غەمخورلۇق ۋە كاپالەتنى كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىكتىن كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئۇرغۇپ تۇرغان غەيرەت بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.

  لى كېچياڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، لى شى، ما شىڭرۈي، خې گۈيفاڭ قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلدى. لى كېچياڭ گۇاڭدۇڭنىڭ بۇلتۇرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، گۇاڭدۇڭنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى كۈچەپ ساقلاپ، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، داۋاملىق ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈشىنى، تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە پائال ئىزدىنىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش جەھەتتە دەۋر ئېقىمىدا باتۇرلۇق بىلەن تىك تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن بىرلىكتە گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسىنى بىرلىكتە قۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇشقا سىجىل كۈچەپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئالدىدا مېڭىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، ۋاڭ جيەنجۈن، ليۇ نىڭ، بەيجيا زاشى قاتارلىق ۋەكىللەر بەس - بەستە سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر چىڭخەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا يەنە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاپ، يېشىل ئىقتىساد، ئايلانما ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نى ياخشى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، تاشقى كۈچتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە، ساياھەت قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق يۇمشاق - قاتتىق مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە ئىختىساسلىقلارنى چىڭخەينىڭ تەرەققىياتىغا ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ قوللىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىشىنى ئۆزى كۈرەش قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئالاقە تورى+» مائارىپ، داۋالاش قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى «كەمتۈكلۈك»لەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  لى جەنشۇ شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ليۇ جيايى، گۇڭ جېڭ، گو رۈي قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق يول باشلاپ، يۆنىلىش بەلگىلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەندۇڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەندۇڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ چىلۇ ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، يىمېڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش» سەمىمىي ئۈمىدىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكى، يۈننەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، ۋاڭ ياڭ فۇ جىگۇەن، چېن يۈنيىڭ، چېن جۈن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى تەيۋەن خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. سۆزنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىككە كېلىشىنىڭ تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەيۋەن خىزمىتىگە بولغان توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر ئاڭلاپ، يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىغا دائىر «31 ماددىلىق تەدبىر» قاتارلىق تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزىدىغان تەدبىرلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92- يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىللىي ئادالەتنى تەڭ ياقلاپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. يۈننەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، ۋاڭ ياڭ رۇەن چېڭفا، ما جېڭشەن، يۈ لۇڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئۆتكەن بىر يىلدا يۈننەننىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ يۈننەننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈننەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ ۋە «سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە بىۋاسىتە ئۆتكەن مىللەت»لەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە رايوننى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا تىرىشىپ ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يىڭ يۇڭ، جاڭ جاۋئەن، خاڭ يىڭۋېي قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شاڭخەينىڭ تەرەققىياتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. داۋاملىق ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىكى ياخشى باشلامچى بولۇپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شاڭخەينىڭ تەرەققىياتىدا ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىك بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىدە سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدىغان، ساداسىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان، رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان قىلىش كېرەك. مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش كېرەك.

  جاۋ لېجى تيەنجىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ياڭ ماۋرۇڭ، ياڭ باۋلىڭ، لى شياڭ قاتارلىق ۋەكىللەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. جاۋ لېجى تيەنجىننىڭ خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تيەنجىننىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ۋە تيەنجىننى كۆزدىن كەچۈرگەندىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، «بەشتە زامانىۋىلاشقان تيەنجىن»نى تېزدىن قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى. جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، شۇنداقلا مۇھىم سىياسىي كاپالەت. ئىستىلنى توغرىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  خەن جېڭ جېجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. چې جۈن، يۈەن جياجۈن، جوۋ جۇڭليەن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەم نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ئىشلارنى ياخشى قىلىش، ھەم ئاساس سالىدىغان، ئۇزاق كەلگۈسىگە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش كېرەك. خەن جېڭ جېجياڭنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، جېجياڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «سەككىز جەھەتتىكى ئەۋزەللىكنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش، سەككىز جەھەتتىكى تەدبىرنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت «سەككىز، سەككىز ئىستراتېگىيەسى» يېتەكلىگەن يولدا داۋاملىق مېڭىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش، دەۋر ئېقىمىدا باتۇرلۇق بىلەن تىك تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئسلاھات، ئېچىۋېتىشتا قايتا ئاتلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جېجياڭ تەرەققىياتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم ئالدىن يولغا قويۇلىدىغان تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش داۋامىدا، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ۋاڭ چېن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ شياۋدۇ، چېن شى، گو شېڭكۈن قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.