قار نېمىشقا ئاق رەڭدە، نېمىشقا يامغۇر تامچىسى ۋە مۇز كرىستالىغا ئوخشاش سۈزۈك بولمايدۇ؟
بىز ئالدى بىلەن بەلگىلىك ئوپتىكىلىق بىلىملەرنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. قۇياش نۇرى قىزىل، جۈزەرەڭ، سېرىق، يېشىل، كۆك، قارا كۆك ۋە سۆسۈندىن ئىبارەت يەتتە خىل رەڭلىك نۇردىن تەركىب تاپقان، ئەگەر بىر دەستە نۇرنى ئۈچ قىرلىق پرىزمىدىن ئۆتكۈزگەندە، ئۇ يۇقىرىقى يەتتە خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان نۇر بەلبېغىغا ئايرىلىدۇ. جىسىملارنىڭ رەڭگىنى ئۇلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ خۇسۇسىيىتى بەلگىلەيدۇ، بىزنىڭ كۆزىمىزمۇ جىسىملار قايتۇرغان نۇرلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلەلەيدۇ. ئەگەر جىسىم نۇر ئۆتكۈزسە، ئۇنى سۈزۈك جىسىم دەپ ئاتايمىز؛ ئەگەر جىسىم كۆرگىلى بولىدىغان نۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر خىل دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى نۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆتكۈزسە، بىز ئۇنى رەڭسىز سۈزۈك جىسىم دەپ ئاتايمىز؛ ئەگەر جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزى كۆرگىلى بولىدىغان نۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر خىل دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى نۇرلارنى قايتۇرسا، بىز بۇ خىل جىسىمنىڭ رەڭگىنى ئاق رەڭگە تەۋە قىلىمىز. لېكىن رەڭسىز سۈزۈك جىسىملارمۇ، يەنىلا قىسمەن نۇرلارنى قايتۇرىدۇ.
ئەمدى، بىز قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى چۈشىنىپ باقايلى. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن شۇنداقلا ھاۋا نەم بولغان ئەھۋالدا، ئاسانلا قار ياغىدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە نۆلدىن تۆۋەن بولۇپ، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىكى بۇلۇت قاتلاملىرى ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. بۇ چاغدا، ئەسلىدە بۇلۇتتىكى سۇ پارى تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا بىۋاسىتە قېتىپ، ئۇششاق مۇز كىرىستالى ۋە كىچىك قار ئۇچقۇنىغا ئايلىنىدۇ. ھاۋا كۈچى ئۇلارنى لەيلىتىپ تۇرۇشقا يەتمىگەن ۋاقىتتا، بۇ قېتىشما ماددىلار بۇلۇت قاتلىمىدىن يەر يۈزىگە چۈشىدۇ ھەمدە شامال تەسىرىدە، ھاۋا بوشلۇقىدا ئۆزئارا سوقۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا توزغاقسىمان قار ئۇچقۇنلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گەرچە كرىستالنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ نۇر قايتۇرۇشچانلىقى ئاجىز بولغانلىقتىن سۈزۈك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىرستالنىڭ نۇر قايتۇرۇشى قار ئۇچقۇنلىرىنى «ئەينەك»كە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ ھەر بىر تەرىپىنىڭ ھەممىسى بىر قىسىم نۇر تالالىرىنى قايتۇرىدۇ، بۇ قالايمىقان تەكشىلىكلەر بارلىق نۇرلارنى قايتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا بىز كۆرگەن قار ئۇچقۇنلىرى ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ.
بۇ ئارقىلىق، نېمە ئۈچۈن مۇز ئەسلىدە رەڭسىز بولىدۇ، لېكىن كىشىلەر بولقا بىلەن ئۇنى چېقىۋەتسە، ئۇۋىلىپ كەتكەن قىسمى ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ، دېگەننىمۇ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ، بۇمۇ ھەم مۇز كرىستالىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش رولىدىن بولغان .