تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

توقسۇ ناھىيەسى: قىزىقىشنى كەسىپ قىلىپ، ھويلا-ئاراندا كەپتەر بېقىپ، باي ‏بولۇش ئارزۇسىغا يېتىش ‏

  «بايىلا باچكا دۇكىنىنىڭ خوجايىنى يەنە ئۆيۈمگە كېلىپ 20 جۈپ كەپتەر سېتىۋالدى، نەق 1000 يۈەنگە ساتتىم......»  دېدى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتە توقسۇ ناھىيەسى تاشئېرىق يېزسى ئاچادۆڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قۇربان ھوشۇر ھاياجانلانغان ھالدا.

  قۇربان ھوشۇر ئاچادۆڭ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرى ئاز، جان سانى كۆپ بولغانلىقتىن، تۇرمۇشى بىر قەدەر قىيىنچىلىقتا قالغانىدى. جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا، قۇرباننىڭ كەپتەر بېقىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى ھويلىسىدا كەپتەر بېقىشقا ئىلھاملاندۇردى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، يېرىم كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، بىر ئاددىي كەپتەر كاتىكى ياسالدى. قۇربان باققان كەپتەرلەر ئاساسلىقى كۆممىقوناق، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنى دان قىلغانلىقتىن، دانىسى چوڭ بولۇپلا قالماي، گۆش سۈپىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىدى، شۇڭا، كەپتەر سېتىۋالىدىغان سودىگەرلەر دائىم بىۋاسىتە ئۇنىڭ ئۆيىگىلا كېلىپ سېتىۋالىدىغان بولۇپ، «كۆنگەن خېرىدارلار» مۇ كۆپ ئىدى.

  «ھويلا-ئاراندا كەپتەر باقسا راستتىنلا پۇل تاپقىلى بولىدىكەن، كەپتەر بېقىشتىن ئىيبارەت بۇ بىر تۈردىنلا مەن 5000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدىم. مەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنە كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، شۇنداقلا باچكىلىرىمنى ۋە ياخشى بېقىش تەجرىبىلىرىمنى قوشنىلار بىلەن تەڭ بەھرلىنىپ، ئۇلار بىلەن بېيىش يولىغا تەڭ ماڭىمەن» دېدى قۇربان.

  «بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىگە كۆكتات تېرىقچىلىقى، ئۆي قۇشلىرى تۈرىدىكى باقمىچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتتى. ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى تولۇق قېزىش ئارقىلىق، ھويلا-ئاراننى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىدىغان گۆھەر يەرگە ھەقىقىي ئايلاندۇردى» دېدى 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئېھسان ئوسمان. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن ۋاڭ مىڭلياڭ، لۇ جيەنۋېي تەمىنلىگەن)

  ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى