تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قارا قېرىنقۇلاق تەركىبىدە «راكقا قارشى گېن» بار ئىكەن

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى سۇجوۋ دوختۇرلۇق ئورنى ئەنگلىيە ئوكسفورد داشۆسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېقىندا مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى ئۈچ ئاساسلىق قارا قېرىنقۇلاق سورتى ئۈستىدە گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش ئېلىپ بارغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ قارا قېرىنقۇلاق سورتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە ئۆسمىگە قارشى تۇرىدىغان ۋە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان گېن بارلىقىنى، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلغاندا قارا قېرىنقۇلاقنىڭ دورىلىق، ساقلىقنى ساقلاش قىممىتىنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايقىغان.

  بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى بۇ ئۈچ قارا قېرىنقۇلاق سورتى ئۈستىدە يۆتكەلگەن گېن گۇرۇپپا تەرتىپىنى ئۆلچەش ئانالىزى ئېلىپ بېرىپ، جەمئىي 13 مىڭ 937 مۇستەقىل قايتىلانماس گېنغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر قىسىم گېن ماددا ئالماشتۇرۇپ چىقارغان كىچىك مولىكۇلىلارنىڭ ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ئۈنۈمى بار ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتچىلار يەنە 1124 گېن ئامبىرى ئىچىدە خاتىرىلەنمىگەن يېڭى مۇستەقىل قايتىلانماس گېننى بايقىغان. بۇ گېنلارمۇ قارا قېرىنقۇلاقنىڭ ئوكسىدلىنىشقا ۋە قېرىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  گەرچە تەتقىقاتقا چېتىلىدىغان ئۈچ خىل قارا قېرىنقۇلاقنىڭ ھەممىسى ئۆسمىگە قارشى تۇرىدىغان ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان مېتابولىزم مەھسۇلى بولغان گېنغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى قارا قېرىنقۇلاقلاردا يەنىلا كۆرۈنەرلىك پەرق مەۋجۇت ئىكەن.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى