تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەركىزىي شەھەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تۇنجى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھەت پائالىيىتى باشلاندى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ زىچى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، يۇمران ھەم ياڭراق ناخشا ساداسى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئەمەلىيەت تەربىيەسى مەركىزى تەشكىللىگەن 380 نەپەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭ قەدىمكى ئېكولوگىيە باغچىسىغا كىردى، بۇ ئۇلارنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھەت پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ تۇنجى كۈنىدە 1-تۈركۈمدە 162 ئوقۇغۇچى، 8 ئوقۇتقۇچى، 2-تۈركۈمدە 218 ئوقۇغۇچى، 12 ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ باغچىغا كىرگەن، قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا 2-يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. پائالىيەت لېي فېڭنىڭ ھېكايىلىرى تەسۋىرلەنگەن قىسقا فىلىمنى كۆرۈشتىن باشلانغان بولۇپ، كېيىن ئوقۇغۇچىلار دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئەمەلىيەت بازىسى — شىنجاڭ قەدىمكى ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى ئات بازىسى، يۇرا دەۋرى سىلىتسىيلاشقان ياغاچنى قوغداش بازىسى، يىپەك يولى پەن-تېخنىكا سارىيى، يېما گۈزەل سەنئەت سارىيى قاتارلىقلاردا ئېكسكۇرسىيەدە بولغان، ساۋاقداشلار تولىمۇ ھاياجانلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى