تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قاراقاش ناھىيەسىدە كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئارقىلىق بېيىش «يېڭى ساھەسى» ئېچىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، قاراقاش ناھىيەسى جاھانباغ يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا، 100 دىن ئارتۇق كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ياڭراپ، ئوخشاش كىيىنىگەن 152 ئايال پىششىق ھەرىكەتلەر بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پارچە-پارچە رەختلەرنى قۇر-قۇر مودا كىيىملەرگە ئايلاندۇردى.

  جاھانباغ يېزىسىدا ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، يېزىلىق پارتكوم كەنتتىكى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئاياللارنىڭ تۈپ سانى بىرقەدەر كۆپ بولۇشتەك ئەمەلىيىتىگە قارىتا، فۇجيەن لۇڭيۈ كىيىم-كېچەك كارخانىسىنى كىرگۈزۈپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 8 مو بولغان نامراتلارنى يۆلەش سېخىنى قۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئائىلىسىگە ئېتىبار بېرىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەڭ ئېتىبار بېرەلمەسلىكتەك قىيىن مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى. نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا 176 كىيىم تىكىش ماشىنىسى سەپلەنگەن بولۇپ، نۆۋەتكىچە پۈتۈن يېزىدىكى 511 ئايال كىيىم تىكىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەندى، 152 ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەل قىلىندى، پىشقان ئىشچىلارنىڭ ھەر ئايلىق مائاشى 2800 يۈەنگە يەتتى.

  بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى باھار ئىلگىرى ئۆيىدە بالا بېقىش، تاماق ئېتىش بىلەن شۇغۇللىناتتى، نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا كېلىپ خىزمەت قىلغان قىسقىغىنە بىرقانچە ئايدىلا ئۇ بىر پىشقان ئىشچىغا ئايلاندى. «مەن يېڭى كەلگەن ۋاقىتتا ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن كىيىم تىكىشنى ئۆگىنىۋالدىم، ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق مائاشىم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە زاۋۇت بىلەن ئۆيۈمنىڭ ئارىلىقىمۇ ناھايىتى يېقىن، پۇل تېپىش، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنىڭ ھېچقايسىسى كېچىكىپ قالمايدۇ، بۇ خىزمەتنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدىم» دېدى باھار.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى