تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭنىڭ 2019-يىللىق مەكتەپلەردە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 3-ئايدا باشلىنىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر شېن زۇشياۋ): 3-ئايدىن باشلاپ، ئون نەچچە مەيدان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن «ۋاسىتىچى» بولىدۇ.

   بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتى، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزىدۇ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر كونكرېت ئۈستىگە ئالىدۇ .

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى شىنجاڭ داشۆسى، شىخەنزە داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسى قاتارلىق 26 ئالىي مەكتەپتە قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىپ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاياغلىشىدۇ. ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىنىڭ ۋاقتى ۋە مەيدان سانىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى بىر تۈرلۈك ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى بولۇپ، پائالىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى ھەر قايسى مەكتەپلەر خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن ياكى ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق يىغسا بولمايدىكەن. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ ئۇچۇرلارنى كۆرسە بولىدىكەن.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى