تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] ئۇلار ئەڭ ياخشى «رەسساملار»

  تىيانشان تورى خەۋىرى (يازغۇچى جاڭ كېجىڭ): سەپەرگە چىقىش ئەمدى تەس ئەمەس، ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى؛ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ، كۈچىمەيلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ؛ ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، سۇ چۈشۈرىدىغان تەرەت قاچىسى ئىشلەتتۇق؛ ھويلا-ئارانلاردا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، گۈللۈك، كۆكتاتلىق، قوتان، پارنىكلار بار بولدى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن كۈنگە ياخشىلاندى.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى بار ھەر قايسى كەنتتە تۇرۇش نۇقتىلىرىدا، موشۇنداق جانلىق، بەختلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇلار ئارقىسىدا خىزمەت ئەترىتىنىڭ «قالتىس سۈرەتلىشى» دىن، كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ......

  ياسالغان يېزا تاشيولى

  كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى «ئىشەنچ يولى»

  بۇ يىل كەنتنىڭ ھەر قايسى گۇرۇپپىلىرىدىكى تار كوچىلارغا ماي ياتقۇزۇلدى، ئىشىكتىن چىقساقلا ئاسفالت يولغا دەسسەيمىز، كەنت پاكىز بولۇپلا قالماي، ياڭاق، چىلانلارنى سودىگەرلەر كېلىپ سېتىۋالىدىغان بولدى.» كەنتتىكى ئاسفالت يولنى تىلغا ئالغاندا، يوپۇرغا ناھىيەسى يوپۇرغا يېزىسى مۇنجاغلىق كەنتى ئاھالىسى ئابدۇرىشىت ئابدىلىم باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختاپ كەتتى.

  ئىككى ئاي ئىلگىرى، ئابدۇرىشىت ئائىلىسىنىڭ چىلانلىرى سودىگەرلەر ئارقىلىق سېتىلىپ تۈگىدى. ئۇ خۇشال ھالدا خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىز بېشىغىچە يول ياسىلىپ، سودىگەرلەرنىڭ كېلىشىگە قولايلىق يارىتىلغانلىقتىن، دېدى. ئۇ تەخمىنىي ھېسابلاپ باقتى، بۇ يىل بولتۇرقىدىن 8000 يۈەندىن ئارتۇق كۆپ پۇل تاپقان ئىدى.

  بېيىش ئۈچۈن، ئاۋۋال يول ياساش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يېزا نامراتلارنى يۆلەش يولى ياساپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى ياڭ جۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى 1703 كەنتنىڭ كەنت گۇرۇپپا يولىنى ياساشنى يولغا قويدى، قۇرۇلۇش مۇساپىسى 2013 كىلومېتىرغا يېتىپ، پۇقرالار سىرتقا چىقىدىغان «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ يېزا-كەنت تاشيوللىرى يېزا-كەنت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان «يېڭى يېزا يولى» بولۇپلا قالماستىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدىغان «ئىشەنچ يولى» غا ئايلاندى.

  توختىماي «ئېنېرگىيە تولۇقلاپ»، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىش

  «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ، تاشيول ئاسراش تېخنىكىسىنى ئۆگەنمىگەن بولسام، بەلكىم ھازىر ئۆيدە يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئىشچى بولالمايتتىم، بۈگۈنكىدەك ياخشى تۇرمۇشۇم بولمايتتى.» ئۆزىنىڭ بۇ خىزمىتىنى تىلغا ئالغاندا، ئابدۇكېرىم ياسىن خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىغا قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتتى.

  يوپۇرغا ناھىيەسى يوپۇرغا كەنتى جاي كەنتىلىك نامرات ئاھالە ئابدۇكېرىم ئۆگەنگەن ماھارىتىگە تايىنىپ قاغىلىق تاشيول ئىدارىسىدە تاشيول ئاسراش ئىشچىسى بولدى، بىر ئايلىقى نەچچە مىڭ يۈەنلىك ئىش ھەققى ئۇنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئائىلە تۇرمۇشىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.

  كەنت ئاھالىلىرى كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگەنمەكتە.

  كەنتتە ئابدۇكېرىمغا ئوخشاش ئۆگىنىش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرغان ئاھالىلەر يەنە نۇرغۇن. 37 ياشلىق رۇقىيەم ئابلىمىت دائىم:«ھېلىمۇ ياخشى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مېنى تىككۈچىلىك تېخنىكىسى ئۆزگەرتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، يەنە ماڭا ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ بەردى، پۇل تېپىش بىلەن بىللە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن.» دەيدۇ. ھازىرقى ياخشى كۈنلەرنى تىلغا ئېلىش، كەنتتىكى ئاياللارنىڭ بېيىش باشلامچىسى رۇقىيەمنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرگە ئايلاندى.

  2018-يىلى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھەر قايسى كەنتلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى، يىراق مۇساپىلىك مائارىپ سۇپىسىغا تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئۈزلۈكسىز «ئېنېرگىيە تولۇقلاپ»، تۈرلۈك تېخنىكىلارنى ئۆگەتتى، ئۆزىگە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، 781 كىشىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ۋە ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆكتاتلىق بەرپا قىلىپ، مەدەنىي، زامانىۋى يېڭى ئۇسلۇب كىرگۈزۈش

  ھويلىدىكى بىر پارچە ياپيېشىل كۆكتاتلىق، ئېغىلدىكى كالا، قوي، توخۇ، كەپتەرلەرنىڭ ئاۋازلىرى، ئۆيدىكى مۇنچا، تەرەت تۇڭى، سافا، شىرە، يېزىق ئۈستىلى...... ھازىر، يوپۇرغا ناھىيەسى تېرىم بازىرى يىلتىزلىق كەنتىدىكى ھويلا-ئاران ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىغا كىرگەندە، بۇنداق مەنزىرىنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدۇ.

  37 ياشلىق ئابدۇكېرىم ئابباسنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس، ھۈنىرىمۇ يوق، كۈنلىرىمۇ ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئەھۋالنى ئىگىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا «ئۆي ئالدىغا ئۈزۈم بارىڭى + ھويلىغا كۆكتاتلىق+ ئۆينىڭ كەينىگە باقمىچىلىق قوتىنى» بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ھويلا-ئاران ئىگىلىكى تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ بېرىپ، ئابدۇكېرىمنىڭ ھويلىسىدىكى بوش يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئۈزۈم بارىڭى قىلىشىپ بەردى. پاكىز ھويلىسى بولغاندىن كېيىن، ئابدۇكېرىم يەنە 10 دانە نامراتلارنى يۆلەش قويى ئېلىپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇردى. ھازىر، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، غەيرىتى تولۇپ تېشىپ، ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

  ھويلا-ئارانلارنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئۆي-ئۆيلەردە پاكىز، چىرايلىق ھويلىلار بار بولدى.

  «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، ئۆيىمىزدە ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇردۇق، لازا، پەمىدۇر، چەيزە قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىپلا قالماي، تۇرمۇش مۇھىتىمىز ۋە ئادىتىمىز يەنىمۇ ياخشىلاندى.» دېدى كەنت ئاھالىسى ئامانگۈل مەمەت خۇشال ھالدا. ھازىر ئۇنىڭ ئۆيى كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈپ ئۆگىنىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىغا ئايلاندى، ئامانگۈل يەنە دائىم قوشنىلىرىغا تېرىقچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىپ، يۇرتداشلىرىنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇشقا ماسلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش، ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۆيمۇئۆي كىرىپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى، كەنت قىياپىتىنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەر ۋە مەدەنىي تازىلىق بويىچە باھالاپ سېلىشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا، يۈرۈش-تۇرۇش جەھەتتە يېڭى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، يېڭى كەيپىيات تىكلەش، كونا كەنت قىياپىتىنى يېڭىلاشقا يېتەكلىدى.

  «ئامما خىزمىتى بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت، بىز ھەر بىر كۈننى <ئامما خىزمىتى كۈنى> دەپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.» دېدى ياڭ جۇڭ. 2019-يىلى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتتە «خوجايىن»، «باشلامچى» يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قابىل كىشىلەرنى يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ.

  ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى