تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«تۇغقانلىشىپ، تۇغقان بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى»

− جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ مىللەتلىك مەھەللىدىكى قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ئىشلار

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شاڭ شېڭ، چى يىچۇ). «تۇغقانلىشىپ، تۇغقان بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى؛ رىشتىمىز تۇتاش، تومۇرداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇرت - ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرايلى...» ئازادە پائالىيەت ئۆيىدە، نەچچە ئون ھەر مىللەت ئامما چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، سەھنىدىكى سەرخىل ئويۇنلاردىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى، خۇشال كۈلكە ئاۋازى پات - پات ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

  بۇ، ئاقسۇ شەھىرى چاۋياڭ مەھەللىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، خەنزۇلارنىڭ بىرلەشمە دوستلۇق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. 3- ئاينىڭ 3- كۈنى، مەھەللە «ئورتاق بىر ناخشا ئېيتىش، ئورتاق بىر پەدە ئۇسسۇل ئۆگىنىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، «شىياڭخۇڭ» ئەدەبىيات - سەنئەت ئەترىتىدىكى ئون نەچچە ھەر مىللەت ياشانغان كىشى ناخشا ئېيتتى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئەركىن قادىر ئېرخۇ چېلىپ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  «ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلىنىپ، مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى تېخىمۇ مۇھىم بىلىنىشكە باشلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەھەللە ئاز سانلىق مىللەتلەر، خەنزۇلار بىرلەشمە دوستلۇقى، <قوشنىلار بايرىمى> پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە جەلپ قىلىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى، ھەر مىللەت ئاھالىلەرگە قويۇق قوشنىدارچىلىق ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى» دېدى چاۋياڭ مەھەللىسىنىڭ 1 - شۇجىسى چۇ يۈدۇڭ.

  چاۋياڭ مەھەللىسىدە 3119 ئائىلە، 8703 ئادەم بار، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قىرغىز قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن بولغان ئامما ئولتۇراقلاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەھەللە شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئولتۇراقلىشىش، ئورتاق ئۆگىنىش، ئورتاق ئىشلەش، ئورتاق كۆڭۈل ئېچىش جەريانىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى. 2016- يىلى، چاۋياڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى شەرەپ بىلەن «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

  چاۋياڭ مەھەللىسىنىڭ خىزمەت بىناسىدىكى ھەربىر پارچە سۈرەتتە ھەربىر ئىللىق دەقىقىلەر خاتىرىلەنگەن. ئەنئەنىۋى بايرام دۈەنۋۇ بايرىمىدا، مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاھالە بىرلىكتە زۇڭزا تۈگدى؛ مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ چاي سۆھبەت يىغىنىدا، ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى نامايان قىلدى؛ مەھەللە ئاھالىسى يۈ سۈيجۇنىڭ سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىپ دوختۇرخانىدا ياتقاندا، قوشنىسى ئايگۈل ئەمەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماق توشۇپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ مۇڭداشتى، يەنە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ياردەملەشتى... مەيلى «كونا قوشنىلار»، ياكى «يېڭى قوشنىلار» بولسۇن، كۆپچىلىك ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا پىكىر ئالماشتۇردى، سىرداشتى.

  پائالىيەت ئاھالىلەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى، «گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش» ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈلدى. مەھەللە سەككىز پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللەپ، «ئاھالىلەر تالون بۇيرۇتۇش، مەھەللە تالون چۈشۈرۈش، پارتىيە ئەزالىرى تالون قوبۇل قىلىش»تىن ئىبارەت «ئۈچ تالون تۈزۈمى» مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، خىزمەتتىكى پارتىيەلىك كادىرلار مەھەللىلەرگە بېرىپ «كىچىككىنە ئارزۇ»نى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر، پىدائىيلار كۆپ مەنبەلىك پىدائىيلار مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى، ھەرىكىتى قولايسىز ئامما يەنە ئۆيىگە كېلىپ مۇلازىمەت قىلىشنى ئالدىن كېلىشەلەيدىغان بولدى.

  چاۋياڭ مەھەللىسىگە كىرگەندە، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تېمى، تەشۋىقات كۆرگەزمە تاختىسى قاتارلىقلار كۆزگە چېلىقىدۇ. چۇ يۈدۇڭ مۇنداق دېدى: «مەھەللە يەنە پارتىيە ئەزالىرى تەشۋىقات ئەترىتى تەشكىللەپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ سەييارە تەشۋىق قىلىپ، ئاھالىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى».

  مۇخبىر زىيارەت قىلىپ مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: تىرىشىپ ئۈلگىلەردىن بولۇش كەيپىياتى يارىتىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، چاۋياڭ مەھەللىسى ئاھالىلەر ئۆزىنى كۆرسىتىش، باشقىلار كۆرسىتىش، ياچېيكا كۆرسىتىش، ئاھالىلەر يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىناسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۇكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئائىلە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس قاتارلىقلارنى سايلاپ چىققان ھەم تەقدىرلەپ مۇكاپاتلىغان؛ يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ دەرسخانىسى، ئۆرپ - ئادەت دەرسخانىسى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك شەخسلەرنى ئىلغار ئىش - پائالىيەتلەرنى سۆزلەش، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، ھەممە كىشى تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغارلاردىن بولۇش كەيپىياتىنى ياراتقان.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاۋياڭ مەھەللىسى تۈرلۈك سۇپىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، تۇرمۇشقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. مەھەللە ئۈندىدار سۇپىسىغا تايىنىپ «كىچىك پىروگرامما» ئېچىپ، ئۇچۇر يوللاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەر كۈتۈنۈش، ئاھالىلەر داۋالىنىش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ياشانغانلار ئېتىبار كارتىسى، ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئۆسۈمسىز قەرز ئىلتىماس قىلىش، خەلق ئىشلىرى بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ھەم ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى، ئىشسىزلارنى تىزىملاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسىپلەرنى بېجىرىپ، مەھەللىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى ئىش بېجىرىش چوڭ زالىنىڭ «بىر بېكەتلىك، نۆل ئارىلىق» مۇلازىمىتى ئاھالىلەرنى ئىشىكى ئالدىدىلا كۆڭلىدىكىدەك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  مەھەللىدە ياشانغان ئاھالىلەر كۆپ بولۇش ئەمەلىيىتىگە قارىتا، چاۋياڭ مەھەللىسى يەنە ھۆسنخەت - رەسىم ئۆيى، كۆرگەزمە ئۆيى، كىتاب ئوقۇش ئۆيى، شاھمات - قارتا كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى، ياشانغانلار ساز چېلىش ئۆيى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇلازىمەت ئۆيلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش جەھەتتىكى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  چۇ يۈدۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى چاۋياڭ مەھەللىسى ئەنئەنىۋى بايراملارنى بىللە ئۆتكۈزۈش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆپچىلىك ياردەم بېرىش، ھەممە كىشى ئىلغار تىپلاردىن بولۇشقا تىرىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «بۇ جاي ھەر مىللەت ئامما ئورتاق ياشايدىغان، ئورتاق ئولتۇراقلاشقان، دائىم بېرىش - كېلىش قىلىدىغان، قوشنىلار ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتىدىغان ماكانغا ئايلاندى».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى