تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مائارىپ

بۇ يىل كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرگە 1 مىليون ئوقۇغۇچى ئارتۇق قوبۇل قىلىنىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇ تاۋ، ياڭ سىچى): 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش چارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنى ئىمتىھانغا تېخىمۇ كۆپلەپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بۇ يىل كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرگە 1 مىليون ئوقۇغۇچىنى ئارتۇق قوبۇل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  زامانىۋىي كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، ھەم يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن قاپلىنىشى كېڭەيتىلىپ، ياردەم  ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈپ، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى بىلەن كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ ئۆز-ئارا جىپسىلىشىشى تېزلىتىلىدۇ. كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. مەركەز مالىيەسى كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرگە قارىتىلغان سېلىنمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ، يەرلىك مالىيەمۇ قوللاشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مائارىپ بويىچە دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىنىدۇ. كارخانىلار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى جۇڭگونىڭ تېخنىك ئىشچىلىرىغا مۇھتاج». خاربىن جيۇجوۋ ئېلېكتىر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شىركەت يېڭىدىن زور تۈركۈمدىكى كەسپىي تېخنىك ئىشچىلارنى تەكلىپ قىلىدۇ. «كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، جەمئىيەت ۋە كارخانا ئۈچۈن يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئەنئەنىۋى ياساش كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ راۋاجلاندۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.»

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى، مەملىكەت بويىچە 11 مىڭ 700 كەسپىي مەكتەپ بار بولۇپ، يىللىق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى 9 مىليون 282 مىڭ 400 ئادەم، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 26 مىليون 855 مىڭ 400 ئادەم بولغان. زامانىۋى ياسىمىچىلىق كەسپى، گۈللەنمە كەسىپلەر ئىچىدە، يېڭىدىن كۆپەيگەن كەسىپكارلارنىڭ %70تىن كۆپرەكى كەسپىي مەكتەپلەردىن كەلگەن. كەسپى مائارىپ كەڭ كۆلەمدە تېخنىك- ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن تەمىنلىگەن.

  ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى